باش بەت

zefer

1217يوللانما
64مەستانە

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تەقلىدىي iPhone Xنى چۇۋۇش جەريانى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-29 22:21 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تەقلىدىي iPhone Xنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى. 

بۇ تەقلىدىي iPhone Xنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى رەتلىك ئىكەن، ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنداق قوپال ئەمەس. 

بۇ تەقلىدىي iPhone Xنىڭ ئارقا قېپى سۇلياۋ بولۇپ، قايرىغاندا سۇنۇپ كەتتى. 

ئىچىدە بىر قىسىم يانفون گەۋدىسىگە تۇتىشىدىغان سىملار بار بولۇپ، پەقەت زىننەت بۇيۇمى خالاس. نەچچە يۈز يۈەنلىك نەرسە تۇرسا، راست بولمايدۇ-دە ئەلۋەتتە. 

بۇ قوش كامېرانى چۇۋۇشنىڭ بۇنداق تەس ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمىز. 

ئامال يوق ئۈشكە ئىشلەتتۇق. 

قوش كامېرانى ئاران چۇۋۇپ ئالدۇق. قارىماققا قوش كامېرادەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە يەككە كامېرا ئىكەن. 

باتارېيەنى چۇۋۇش ناھايىتى ئاسان ئىكەن، قولدىلا چۇۋۇشقا بولىدىكەن، باتارېيە ئۈستىدە ھېچقانداق بەلگە يوق. 

باتارېيەنى چۇۋۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېكراننى قول بىلەنلا چىقارغىلى بولىدىكەن. 

بۇ يانفوندا ئاساسىي تاختا قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. 

بۇ تەقلىدىي iPhone Xنىڭ رامكىسىمۇ سۇلياۋ ئىكەن. 

قالغان ئاساسىي تاختا، ياڭراتقۇ قاتارلىق دېتاللارنى قول بىلەنلا سۆكۈشكە بولىدىكەن.

 

ئېكراننى يېنىك قايرىپ قويغانغا سۇنۇپ كەتتى. 

مانا بۇ تەقلىدىي iPhone X نىڭ پۈتۈنلەي چۇۋۇلغاندىن كېيىنكى ھالىتى، راستىنى ئېيتقاندا ئۇنچىمۇ ناچار ئەمەس ئىكەن، قانداقلا بولمىسۇن نەچچە يۈز يۈەنلىك مال تۇرسا، پۇلىغا چۇشلۇق بولىدۇ دە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • زىرەك __3 ئاي ئىلگىرى

    بىر ئاغىنەم سامسۇڭ ئەس سەككىز نىڭ قۇراشتۇرغان نۇسخىسىنى 1000كويغا سېتىۋاپتىكەن يامان ئەمەس چىقىپتۇ تورغىمۇ تېز چىقىدىكەن رەسىمگە ياخشى تارتالمايدىكەن سىرتقى شەكلى بولىدىكەن ، لېكىن.

  • ۋاپادىل☺3 ئاي ئىلگىرى

    تەقلىدى Iphone X ھەقىقەتەن بولدىكەن، پۇلىغا چۇشلۇق تەقلىدى خاشو مەھسۇلات بولغاندىكىن

  • Kalwa 83 ئاي ئىلگىرى

    راستىنلا پۇلىغا چۇشلۇق ئىكەن .(نەچچە يۈز يۈەنلىك .....)

  • تۆمۈرتۇمشۇق3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنى لازا يانفۇنى دەۋاتمامتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号