باش بەت

del103

4200يوللانما
39مەستانە

روڭياۋ 9 يانفونى ياشلىق نۇسخىسىنىڭ تۈن قارا رەڭلىكى يېڭى يىل كۈنى سېتىلىدۇ

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-31 16:48 4 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى 31-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

21-دېكابىر خۇاۋېي شىركىتى شېنجېندا روڭياۋ 9 يانفونىنىڭ ياشلىق نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ مىڭ يۈەنلىك بازارنى نىشانلىغان پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون.

مىڭ يۈەنلىك يانفون بولسىمۇ، ئەمما بۇ يانفونغا يېڭى يۈزلىنىشكە ۋەكىللىك قىلىدىغان پۈتۈن ئېكرانلىق لايىھە قوللىنىلغان. 5.65 دىيۇملۇق بۇ ئېكرانىنىڭ پەرق ئېتىشچانلىقى 1080p غا يېتىدۇ. يانفون ناھايىتى كۆركەم لايىھەلەنگەن بولۇپ، 2.5D قوش ئەينەك قاپ يانفون گەۋدىسىنىڭ نەپىسلىكىنى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرگەن. تاشقى قىياپەت جەھەتتە روڭياۋ 9 بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ.

دەسلەپ ئېلان قىلىنغاندا كۈلرەڭ، كۆك ۋە ئاق ئۈچ خىل رەڭلىك نۇسخىسى بازارغا سېلىنغان. بۈگۈن روڭياۋ ئورگان تورى بۇ يانفوننىڭ تۈن قارا رەڭلىك نۇسخىسىنىڭ 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي سېتىلىدىغانلىقى، بۇ يانفونغا 3GB/4GB RAM+32GB/64GB ROMلىك ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى سەپلەنگەنلىكىنى، باھاسى 1199 يۈەندىن باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە كەلسەك، روڭياۋ 9 يانفونى ياشلىق نۇسخىسىغا چىلىن 659 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3000mAhلىك باتارېيە، 13+2 مىليون پىكسېللىق ئالدى قوش كامېرا، 13+2 مىليون پىكسېللىق ئارقا كامېرا سەپلەنگەن، 3D چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان.

سىستېمىسىغا كەلسەك، بۇ يانفونغا ئالدىن قاچىلانغىنى ئاندىرويىد 8.0نى يادرو قىلغان خۇاۋېي EMUI 8.0 سىستېمىسى بولۇپ، ئاندىرويىد 8.0نى ئىشلىتىشكە ئالدىراۋاتقان دوستلارنىڭ ئالدىن تاللىشى بولالايدۇ. ئورگان تورىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى سىستېمىنىڭ ئىنكاس سۈرئىتى %60، مەشغۇلات راۋانلىقى %50 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • kapsiz3 ئاي ئىلگىرى

    مىڭ يۈەن ئەتراپىدا يانفۇن ئالغۇچىلا بوپقال سا بو يانفۇن تامامەن بولىدۇ

  • 11111111113 ئاي ئىلگىرى

    باھاسى مۇۋاپىق ئۇزى كۇركەم بۇلدىغان تىلپۇن بۇ

  • ھەۋەسكار 55953 ئاي ئىلگىرى

    vivo y75 تىن ياخشىكەن

  • تامچى3 ئاي ئىلگىرى

    بەك ئەرزان چىقىپتىغۇ بۇتىلفۇن ،بىرنى ئالىدىغان ئىشمىكى،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号