باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

iPhone Xنى زارىقىپ كۈتكەن ئىستېمالچىلار ئاخىرىدا يەنىلا iPhone 8نى سېتىۋالدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-01 11:46 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 31-دېكابر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

iPhone X بازارغا سېلىنغان تۇنجى ئېيىدا پەقەت ئۈچتىن بىر قىسىم سېتىۋالغۇچىلا ئۈچ خىل يېڭى iPhoneنىڭ ئارىسىدىن بۇ بايراقدار دەرىجىلىك iPhoneنى تاللىدى، بۇنىڭغا قارىتا ئانالىزچىلار بولسا ئالما شىركىتىنىڭ يانفونغا بېكىتكەن باھاسى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ گۇمانى قارىشى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشتىكى ئاساسىي سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ھازىرغا قەدەر ئالما شىركىتى 2017-يىللىق سېتىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى خالىماي كەلدى، ھەتتا مەزكۇر شىركەت بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ خىل يانفون ئېلان قىلىشنى ئەزەلدىن سىناپ باقمىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى، چۈنكى ئىستىمالچىلارنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىنى ئىگىلىمەك قىيىن ئىدى. ئانالىز شىركىتى ئېلان قىلغان «ئىستېمالچىلار ئەھۋالى تەتقىقات دوكلاتى»دا iPhone X مۇشۇ مەزگىللەردە ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات سېتىلىش مىقدارىغا %30 تۆھپە قوشتى دەپ يەكۈن چىقارغان. 

سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك iPhone 8 بىلەن iPhone 8 Plus ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنىڭ %40نى ئىگىلىگەن. گەرچە ئاممىنىڭ iPhone Xغا بولغان دىققەت ئېتىبارى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچى جوش لوۋىز (Josh Lowitz)نىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە iPhone 8 بىلەن iPhone 8 Plus  توققۇزىنچى ئايدا بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن خېرىدارلار 11-ئايدا بازارغا سېلىنىدىغان iPhone Xنى كۈتۈپ تۇرۇشقا رازى بولغان. ناھايىتى ئېنىقكى كۆپچىلىك سېتىلىش باھاسى 1000 دوللارلىق بۇ يانفوننىڭ زادى قانداق يانفون ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان، ئەمما iPhone X بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا يەنىلا ئەسلىدىكى 700 دوللارلىق iPhone 8 سېتىۋالغان.

ئەجەبلىنەرلىكى CIRPنىڭ قارىشى بىلەن Flurry بۇ ھەپتىدە ئېلان قىلغان «روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدىكى يېڭى ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوزغىلىشىغا دائىر سانلىق مەلۇمات»دا ئازراق پەرق بار. Flurryنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، iPhone X يەتتە كۈن ئىچىدە قوزغىتىلغان يېڭى ئۈسكۈنىلەرنىڭ  %14.7 نى ئىگىلىگەن، iPhone 8 بولسا %8.7نى،  iPhone 8 Plus بولسا %8.1 نى ئىگىلىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号