باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

مەھسۇلات لىنىيىسى كېڭىيىپ مۇلازىمەت كىرىمى ئاشقانلىقتىن iPhone X ئالما ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-01 16:39 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 1-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئەڭ يېڭى بايراقدار دەرىجىلىك iPhoneغا بولغان ئېھتىياج ئالما شىركىتىنىڭ بايراملىق مال سېتىۋېلىش مەزگىلىدىكى كەسپىي نەتىجىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. بىراق ھازىر بۇ ئەھۋالدا ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات لىنىيەسى ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەنلىكتىن، بۇ پەسىلدىكى iPhone Xغا بولغان ئاجىز ئېھتىياجدىن كېلىپ چىققان بوشلۇقنى تولدۇرالايدۇ.

«ئىقتىساد گېزىتى» ۋە بىر نەچچە نەپەر ئانالىزچىنىڭ دىيىشىچە، ئالمىنىڭ بىرىنچى مالىيە پەسلىدە iPhone Xنىڭ مۆلچەرلەنگەن سېتىلىش مىقدارى 30 مىليون دانە بولۇپ، ئالمىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىدىن 20 مىليون دانە تۆۋەن. بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە، ئالما شىركىتىنىڭ پاي چېكى 26-دېكابىر %2.5 تۆۋەنلەپ 170.57 دوللارغا چۈشكەن. ئەمما سېتىلىش مىقدارى مۆلچەرىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىنى ئالما شىركىتى دەلىللىمىگەن، ئالما شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھاسى ھەپتىنىڭ 28 -دېكابىر يەنە بىر قېتىم ئۆرلەپ 171.82 دوللارغا چىقتى. ئوتتۇز نەپەر ئانالىزچىنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ مال سېتىۋېلىش پەسلىدىكى تىجارەت كىرىمىگە بولغان مۆلچەر يەنىلا 86 مىليارد 200 مىليون دوللار بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ تىجارەت كىرىمى مۆلچەرى 87-84 مىليارت دوللارنىڭ يۇقىرى چېكىگە يېقىنلىشىدۇ.

ئالما بۇ يىل ئىككى خىل يېڭى نۇسخىدىكى iPhone 8 ۋە iPhone Xنى ئېلان قىلدى ھەم كونا يانفون تىپلىرىنى ساقلاپ قالدى. بۇ ئالمىنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك iPhoneلارغا تايىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى. ئالما شىركىتىنىڭ پايچىكى، مالىيە ۋە مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى Gerber Kawasakiنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روس گېربېر (Ross Gerber)نىڭ دېيىشىچە، iPhone Xنىڭ سېتىلىش باھاسى ۋە پايدا نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ iPhone Xنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئەندىشىسىنى تۆۋەنلەتكەن. ئالما شىركىتى بۇ پەسىلدە ئوخشاش بولمىغان ئىستراتېگىيە قوللانغان بولۇپ، ئىككى خىل نۇسخجىدىدكى iPhone 8 ۋە iPhone Xنى ئېلان قىلغان. روس گېربېر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىككى خىل iPhoneنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنى كىشىلەرنىڭ مۆلچەرى بىلەن بىردەك دەپ قارايمەن.»

ئالما شىركىتى يەنە باشقا زاپچاس ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ مەھسۇلات لىنىيەسىنى كېڭەيتتى، AirPods سىمسىز تىڭشىغۇچىدىن ھەرە كۆنىكىسىمان تورنى قوللايدىغان Apple Watch قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسى ئالاھىدە چوڭ ئۇتۇققا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇ بىر مۇھىم كەسىپكە ئايلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئالمىنىڭ باشقا كەسىپلەردىن بولغان كىرىمى %16 ئېشىپ، 12 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ زاپچاسلارنى سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار بەلكىم يەنە ئالما ئەپ دۇكىنى ۋە ئالما مۇزىكىسىنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن. ئالما ئەپ دۇكىنى ۋە ئالما مۇزىكىسى ئالما مۇلازىمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ تارماقلارنىڭ ئۆتكەن يىلقى تىجارەت كىرىمى %23 ئېشىپ، 29 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن.

بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Creative Strategiesنىڭ ئانالىزچىسى كارولىنا (Carolina Milanesi) مۇنداق دەيدۇ:«كۆپ خىل ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرىكمىسى ئالما شىركىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىرىم يارىتىپ بېرىدۇ.» بىراق iPhone Xنىڭ سېتىلىش مىقدارى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم. ھەر بىر iPhone X ياراتقان كىرىم iPhone 7 ياراتقان كىرىمىنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىقلار ئالمىنىڭ ماركا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بازارلىق مەھسۇلاتلار يەنىلا ئالمىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号