بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇ يىل iPhone X ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، يانفون بۇزۇش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى. بۈگۈن مەن ئۆزۈم خۇلاسىلىگەن iPhone Xنىڭ 12 خىل ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. بۇ ئۇسۇللار بىر-بىرىدىن قەبىھ بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىنىڭ ئىچىنى سىيرىۋېتىدۇ. ئون ئىككىنچىسى iPhone Xنى سەرەڭگە تېلى ئۈستىگە قويۇپ «كاۋاپ» قىلىش.
ئون بىرىنچىسى، پىرقىرىغۇچ ئارقىلىق iPhone Xنىڭ ئېكرانىنى بۇزۇش، بۇ قاتىل ئانچە رەھىمسىز ئەمەسكەن.
ئونىنچى ئۇسۇل iPhone X بىلەن سامسۇڭ Note 8نى ياپونىيە سامۇراي قىلىچى بىلەن چېپىش، گەرچە ئىككى پارچە قىلىۋېتىلمىسىمۇ، بىراق ئەمدى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
توققۇزىنچى خىل ئۇسۇل، كىچىك تىپتىكى كېسىش ماشىنىسى بىلەن iPhone Xنى كېسىش.
سەككىزىنچى خىل ئۇسۇل، بۇ سەل ئېشىپ كېتىپتۇ، iPhone Xنى مېۋە سىقىش ماشىنسىغا ساپتۇ، iPhone X شەربىتى ياسىماقچى ئوخشايدۇ.
يەتتىنچى خىل ئۇسۇل iPhone Xنى ئاپتوموبىلغا دەسسىتىش. ئېكران ئۆلدى، يانفون ئېچىلمىدى.
ئالتىنچى خىل ئۇسۇل iPhone Xنى سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتقا سېلىپ، ئاندىن بولقا بىلەن ئۇرۇپ چېقىش، جېنى چىقماي قالمىسۇن دېگەن ئوخشايدۇ.
بەشىنچى خىل ئۇسۇل iPhone Xنى بىر پارچە كۆتەكنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئەتراپىنى مىخلاپ مىدىرلىيالماس قىلغاندىن كېيىن پالتا بىلەن چاناپتۇ.
تۆتىنچى خىل ئۇسۇل iPhone Xنىڭ ئۈستىگە سوقما توپنى تاشلاپتۇ، بىچارە iPhone X ئۆزگىرىپ L شەكلىگە كېلىپ قالدى.
ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل كېسىش ماشىنىسى بىلەن iPhone Xنىڭ ماڭلىيىنى كېسىپ ئېلىۋەتمەكچى، بۇ يانفوننى يەنىلا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچى ئۇسۇل iPhone Xنى بىۋاستە بولقا بىلەن ئۇرۇپ چېقىپ بولغاندىن كېيىن ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بىرىنچى خىل ئۇسۇل iPhone Xنى يانجىش ماشىنسىغا سېلىندى، يانفون چۇۋۇلۇپلا قالماستىن يەنە، باتارېيەسىدىنمۇ ئىس چىقىپ كەتتى. بىچارە iPhone Xنىڭ جېنى چىققۇچە قانچە قىينىلىپ كەتكەندۇ...
ۋىكتورىيە3 ئاي ئىلگىرى
بىر مەسلىنى بايقىماپسىلەر ، نىمىشقا ئالما بىلەن سامسۇڭغا بۇنداق پۇرسەت بار ؟ شاۋمى ، ئوپپو ، ۋىۋو ، خۇاۋېي ، موتورولا ، قارا بۆلجۈرگەن ، نوكىيا ...قاتارلىقلارغا بۇنداق پۇرسەت كەلمەيدۇ ؟؟؟
شىرىن…3 ئاي ئىلگىرى
مۇشۇنداق چېقىۋەتكۈچە ماڭلىلا بەرگەن بولسىچۇ ئىسىت
مەمەتجان 1233 ئاي ئىلگىرى
vivo y66ھەر ھالدا بۇلىدۇ مەنمۇ شۇنى ئشىلتىۋاتىمەن
جۇدۇندىكى ئاشىق3 ئاي ئىلگىرى
نىمە پايدا ئالا مۇشۇ خەخمۇشتاق قىلىپ
the Roh3 ئاي ئىلگىرى
پۇلى جىق دىمەكچىما ما خەق مۇشۇندا قىلىش ئارقىلىق
murat3 ئاي ئىلگىرى
بۇلارئىچ پۇشقى تۈپەيلى قىلغاندۇ.ھەسەتخورلۇق نوختسدىن تەھلل قىلىپ ئۈلگۈرۈپتۇبەزلەر.
زىرەك __3 ئاي ئىلگىرى
مۇشۇنداق قىلۋەتكىنى ياخشى بوپتۇ پۇچۇق ئالمىنى
قارا كۆز3 ئاي ئىلگىرى
سىلەچە vivo y 66قانداقراق ئىشلەتكەنلە بولسا مەسلىھەتىڭلانى ئايمىغايسىلە
FilaMinGO3 ئاي ئىلگىرى
تۇلۇقلا كاللىدىن كەتكەن ساراڭكەنغۇ بۇلار
قارا كۆز3 ئاي ئىلگىرى
سالام نۇرداشلا سىلەچە vivi y 66قانداقراقتۇ بىر توغرا مەسلىھەت بەرسەڭلا