باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

خۇاۋېي P20 يانفونىنىڭ ئالدى يۈزى iPhone X گە ئوخشاش لايىھىلىنىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-01 21:31 5 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۆلەت ئىچى يانفون شىركەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا مۇقىم تۇرۇۋاتقان خۇاۋېي شىركىتى نەزىرىنى يەر شارىنىڭ تېخىمۇ يىراق جايلىرىغا تاشلىدى، نۆۋەتتە بۇ شىركەت كۈچ قۇۋۋەتكە تولغان بولۇپ، مەھسۇلات سۈپىتى ئارقىلىق سامسۇڭ ۋە ئالما قاتارلىق رىقابەتچىلىرى بىلەن كەسكىن تۇتۇشۇپ باقماقچى بولىۋاتىدۇ. كېلەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر يەرمەنكىسى(MWC 2018) گە نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر يېڭى يانفونلىرىنى تەييارلىغان بولۇپ، مۇشۇنداق كاتتا خەلقئارالىق يانفون كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئەلۋەتتە خۇاۋېي شىركىتىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئۇمۇ بۇ يەرمەنكىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭىپ P يۈرۈشلۈكىدىكى بايراقدار يانفونلىرىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا ئۇ P11 يانفونى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

ئىسرائىلىيە تاراتقۇسى gadgety نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېلەر يىلى ئىككىنچى ئايدا خۇاۋېي ئېلان قىلىدىغان مۇھىم بايراقدار دەرىجىلىك يانفون P11 بولماستىن، بەلكى P20 يانفونى ئىكەن. ئەمەلىيەتتە P20 يۈرۈشلۈك مەھسۇلات بولۇپ، ئۇ P20 ،P20 Plus ،P20 Lite قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇاۋېي شىركىتى خېلى بۇرۇنلا P20 تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغان، شۇڭا بۇ خەۋەرنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى.

خەۋەردە يەنە تىلغا ئېلىنىشىچە، P11 نامىنىڭ P20 غا ئۆزگەرتىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، بۇ يانفوننىڭ سەپلىمىلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىلغار تېخنىكىلار قوللىنىلغان، ئۇلار پۈتۈنلەي يېڭى لېيكا كامېراسى، پۈتۈنلەي يېڭى پۈتۈن ئېكران قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا مەلۇم بىر پروگراممىر خۇاۋېي P يۈرۈشلۈكىدىكى يېڭى يانفوننىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى بايقىغان، ئۇلار بۇ يانفونغا 6.01 دىيوملۇقLCD لىق ئېكران سەپلىنىدىغانلىقى، يانفون ئالدى يۈزىنىڭ iPhone غا ئوخشاش لايىھىلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىلگىرى ئاشكارىلاش ئۇستىسى vleaks خۇاۋېي P20 يانفونغا بەلكىم ProTriple-lens ئۈچ كامېرا لايىھىسى ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ كامېرانىڭ پىكسېل زىچلىقىنىڭ 40 مىليونغا يېتىدىغانلىقى، ئارىلاشما فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى، پۈتۈنلەي يېڭى سېنزور قوللىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا تېخىمۇ ئىلغار AI سۈرەت ياردەمچىسى قوللىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، P20 يانفونىغا چىلىن 970 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىدىغانلىقىدا مەسىلە يوق. ئۇنداق بولغاندا بۇ يانفوننىڭ سېتىلىش باھاسى 4000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. 


باش سۈرەت تاللاش x
  • Ábdúŕáhmáń_凯玉木Ⅷヾ3 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىنى دورىماي چىدىغىلى بولمايدۇ ھاي سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى

  • ساقلاپ3 ئاي ئىلگىرى

    خۇاۋېي بوپقۇيدۇ جۇمۇ مەن خۇاۋېي ئىشلىتىپ كىلىۋاتقىلى خىلى ئۇزۇن بولدى ھى ھى ھى

  • كۈلەڭگۈ3 ئاي ئىلگىرى

    خۇاۋېي 10 نى مەن بەش مىڭ يەتتە يۈز كويغا ئالدىم

  • kizilqirah3 ئاي ئىلگىرى

    يارايسەن خۇاۋى خۇاۋى بەك قالتېس

  • تۆمۈرتۇمشۇق3 ئاي ئىلگىرى

    3نى ئىشلەتكەندىن يوغاندىن 1نىلا ئىشلەتسە بولمامدۇ ئىلغارراق قىلىپ


    لىكىن ئادەمنىڭ 1كۆزىدىن ئىككى كۆزى ياخشى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号