بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى؛
ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلار توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان، لېكىن سىز ئىلگىرى تېلېفون، كومپيۇتېر، كىتاب يوق تۇرمۇشنى ئويلاپ باققانمۇ؟ يېقىندا بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇنداق بىر تۈرلۈك سىناقنى قىلغان، يۈك ساندۇقى ئىچىدە سىزگە ھازىرقى دۇنيادىن ئايرىلغان بىر تۇرمۇشنى ھېس قىلدۇرغان.
يۈك ئاپتوموبىلى ساندۇقى ئىچىدە ھاجەتخانا، كارىۋات قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بار، دېرىزە يوق، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى يوق، يان تېلېفون ئېلىپ كىرىش مەنئىي قىلىنغان، پەقەت بىر قىسىم شەخسىي بۇيۇملارنى ئېلىپ كىرەلەيسىز، ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئىچىدە چىدىيالمىسىڭىز بىر قىزىل كۇنۇپكا بار، شۇنى بېسىپ قويۇپ، بۇ يەردىن ئايرىلسىڭىز بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە نۇرغۇن پىدائىيلار قاتناشقان.
كومېدىيە ئارتىسى رويمۇ بۇ قېتىمقى سىناققا قاتناشقان، ئۇ بۇ سىناققا ئىنتايىن قىزىقىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۈرەتتىكى ئايالنىڭ ئىسمى مىچىر، ئۇنىڭ بىر كۈيۈمچان يولدىشى ۋە ئىش ئۇقىدىغان ئوغلى بار، ئۇ بۇ قېتىمقى سىناققا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىماقچى.
كىشىلەر دەسلەپتە بۇ يەرگە ماسلىشىپ تۇرغان، بىرەيلەن ئۆزىنىڭ چېنىقىش لايىھەسىنى تۈزمەكتە.
ئەمما مۇسابىقە باشلىنىپ 4 سائەت 45 مىنۇت بولغاندا مىچىر خانىم بۇ يەردىن ئايرىلىشنى تاللىغان.
24 سائەت بولغاندا، رىياسەتچى جورج بۇ يەردىن ئايرىلىشنى تاللىغان.
يۇقىرىقى سۈرەتتىكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى، يوتقان بىلەن ئۆزىنى مەھكەم ئورىۋالغان، پارتىلاپ كېتىدىغانغا ئازلا قالغاندەك قىلىدۇ.
بەش كۈنلۈك مۇسابىقىمۇ ئاخىرلاشقان، خىزمەتچى خادىملار يۈك ئاپتوموبىلىدىن ئايرىلىش سىگنالىنى چېلىپ، ئېشىپ قالغان مۇسابىقە قاتناشقۇچىلارنى چىقارغان.
ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنداق مۇسابىقە قاتنىشىپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ قانچىلىك ۋاقىتقا بەرداشلىق بېرەلەيسىز؟
،،nur3 ئاي ئىلگىرى
مىنىڭمۇ سىناپ باققۇم كەلدى .....مەن ئادەتتە يالغۇزلۇقنى بەك خالايمەن ،جىمجىت ھەم ئەركىن بولسا نىمىدىگەن ياخشى
چالاقۇشى3 ئاي ئىلگىرى
بەش كۇن ساراڭ بۇپ قالمامدۇ ئادەم قالغاندا بەشكۇنۇمنى ئىسراپ قىلغۇم يۇق مىنىڭ ،،ئۇمۇر قانچىلىك بۇگۇن بامۇ ئەتىمۇ كىم بىلىدۇ مەنىك ئۇتكۇزگەنگە يەتمەيدۇ
133******003 ئاي ئىلگىرى
ھەق بەرمەيدىكەندە
ferid-*3 ئاي ئىلگىرى
توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان ئەمەس،،جانلىق ياكى مەخلۇق ،،،،
سىرداش3 ئاي ئىلگىرى
مەن بەرداشلىق بىرەلەيمەن 5كۇنگە
بەگزات3 ئاي ئىلگىرى
يوتقانغا پۈركۈنۈپ قاتتىق ئۇخلايمەن دە ئارام ئالغاچ. تەرىتىم قىستاپ كەتمىسىلا قورساقنىڭ ئاچلىقى مېنى ، ئويغىتالمايدۇ.
hesenjan3 ئاي ئىلگىرى
بىر ئاي بەرداشلىق بېرىشىمگە ئىشىنىمەن
سەھەر3 ئاي ئىلگىرى
مەن ئۈچ كۈن ئەتراپىدا بەرداشلىق بېرەلىشىم مۇمكىن
ئۆتكۈر كۆز3 ئاي ئىلگىرى
مەن ئەڭ كۆپ بولغاندا 72سائەتتىن 100سائەتكىچە بەرداشلىق بىرەلەيمەن چۈنكى مەن ئادەتتە ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلار ئىچىدە ئۇزۇن تۇرالمايمەن جىمجىتىلق يالغۇزلۇقنى بەكرەك خالايمەن ئالاقە ئىقتىدارىم ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا مۇشۇنداق بولسام كىرەك
181******253 ئاي ئىلگىرى
يىمەك ئىچمەك جايىدا بولسا تېلفۇندىن بىرسى بولسىلا كۇپايە