باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ 4-پەسىللىك پايدىسى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-02 13:47 1 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 2-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گەرچە سامسۇڭ رەھبىرى لى جائېيوڭ سوراق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تىجارەت ئىشلىرى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىدى. نۆۋەتتە 2017-يىلنىڭ تۆتىنچى پەسلى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تۆتىنچى پەسىلدىكى پايدىسى يېڭى رېكورت يارىتىپ 15 مىليارد دوللارغا يەتكەن. كورېيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قارمىقىدىكى مالىيە-ئىقتىساد مۇلازىمەت تارمىقى يېقىندا ئاكسىيە شىركەتلىرىگە قارىتا بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش قىلغان، بۇ قېتىم جەمئىي 19 ئاكسىيە شىركىتىنى تەكشۈرگەن، بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ مالىيە نەتىجىسىگە دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، تۆتىنچى پەسىلدە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تىجارەت پايدىسى 16 تىرىليون ۋوندىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ تەخمىنەن 15 مىليارد دوللارغا باراۋەر بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73 ئاشىدۇ، بۇ پايدا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ پەسىللىك پايدىسىغا نىسبەتەن يېڭى رېكورت ھېسابلىنىدۇ، ئۆتكەن يىلى ئۈچىنچى پەسىلدە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ پايدىسى 13 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن.

بۇلاردىن باشقا، كورېيەدىكى مەلۇم بىر ئاكسىيە شىركىتى يېقىندا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تۆتىنچى پەسىللىك پايدا مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتكەن، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا سامسۇڭ شىركىتى يېقىندا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاش-تەمىناتىنى ئۆستۈرگەن. بىراق سامسۇڭنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشقانلىقتىن مائاش ئۆستۈرۈش شىركەتنىڭ پايدىسىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەن. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە ساقلىغۇچى ئۆزەك بازىرىدا ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىش كۆرۈلدى، ساقلىغۇچى ئۆزەكنىڭ باھاسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى. سامسۇڭ شىركىتى، توشىبا شىركىتى، مىكرون تېخنىكىسى، hynix شىركىتى قاتارلىق ئۆزەك شىركەتلىرى زور پايدىغا ئېرىشتى. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تارماقلىرىنىڭ تۆتىنچى پەسىلدىكى تىجارەت پايدىسى 10 تىرىليون 800 مىليارد ۋونغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلقى پايدىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.

سامسۇڭ شىركىتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇپ، ئالما شىركىتىگە ئوخشاش ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە شەخسى كومپيۇتېر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا، يەنە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ئېكران قاتارلىق ئېلېكترون زاپچاسلىرى ۋە ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش كەسپىگە ئىگە. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بازىرىدا سامسۇڭ شىركىتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە ساقلىغۇچ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىدۇر، ئېكران بازىرىدا بولسا بىردىن-بىر OLED ئېكرانى بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بولۇپ، بۇ يىلقى ئالما شىركىتىنىڭ iPhone X يانفونلىرىغا ئىشلەتكەن بارلىق OLED ئېكرانلىرىنى سامسۇڭ شىركىتى تەمىنلىگەن. پارچە زاپچاسلار كەسپىنىڭ ئۈستۈنلىكىمۇ سامسۇڭ شىركىتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون زاپچاسلىرىنى لايىھىلەش جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان بولۇپ، S يۈرۈشلۈكىدىكى ۋە Note يۈرۈشلۈكىدىكى مەھسۇلاتلار كۆپ قېتىم لايىھىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھەمدە كەسپى ساھەدە باشقا شىركەتلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان.

بىراق ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىدە سامسۇڭ شىركىتى جۇڭگو يانفون شىركەتلىرىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ جۇڭگو يانفون بازىرىدىكى ئۈلۈشى پەيدىنپەي تۆۋەنلەپ نۆلگە چۈشەي دەپ قالدى. ھىندىستان بازىرىدىمۇ شياۋمى شىركىتى تۆتىنچى پەسىلدە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ھىندىستان يانفون بازىرىنىڭ سەركىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئافرىقا يانفون بازىرىدىمۇ جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى چۇەنيىن شىركىتى بازارنىڭ سەركىسىگە ئايلانغان بولۇپ، سامسۇڭ شىركىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىراق يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفون بازىرىدا سامسۇڭ شىركىتى بىلەن ئالما شىركىتى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى لى جائېيوڭ قولغا ئېلىنىپ سوراق قىلىنىۋاتقىلى بىر يىل بولدى. بىراق كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لى جائېيوڭ تۈرمىدە يەنىلا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىركەتنىڭ چوڭ قارارلارنى چىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۆتكەن يىلى سامسۇڭ شىركىتى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى كەڭ كۆلەمدە تەڭشىدى، بىر تۈركۈم ياش باشقۇرغۇچىلار رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىپ، لى كۇنخى دەۋرىدىكى ئەمەلدارلار ئارقا سەپكە چېكىنىپ، شىركەتنىڭ كەسپىي مەسلىھەتچىسى بولدى. بۇ ياش باشقۇرغۇچىلار كوللېكتىپىنىڭ سامسۇڭ شىركىتىنىڭ كەسىپ ئۆزگەرتىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا ياردىمى بولىشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    راس بۇ سامسۇنىڭ كومپىيوتىر تىخنكا ئىشلرنىڭ پەقەس خەۋرى كۆرۇنمەيدىيا بۇ سامسۇڭ كومپىيوتىر ئىشلىرغا ئارلاشماۋاتامدۇ نىمە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号