باش بەت

del103

4196يوللانما
39مەستانە

iPhone X Pro نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقتى: 6.4 دىيۇملۇق 4K ئېكران سەپلەنگەن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-02 16:33 9 ئىنكاس چۈشتى

سوخۇ تورى 2-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما iPhone X يانفونىنىڭ لايىھەسى ھەقىقەتەن كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. گەرچە بۇ يانفوننىڭ «ماڭلاي»سى بىر قارىماققا سەل غەلىتە تۇيۇلسىمۇ، ئەمما ئومۇمەن ئېيتقاندا تاشقى قىياپىتى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ قېتىم چەتئەل تاراتقۇلىرى كىيىنكى بىر ئەۋلاد iPhone X يانفونىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىنى ئاشكارىلىدى، بۇ يانفونغا iPhone X Pro دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، ئېكرانى تېخىمۇ چوڭ بولۇپلا قالماستىن، يانفون گەۋدىسى تېخىمۇ نېپىزلىتىلگەن.

iPhone X Pro يانفونىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىدە داۋاملىق OLED ئېكران ئىشلىتىلگەن. يانفون گەۋدىسى 6.4 دىيۇملۇق چوڭلۇقتا بولۇپ، پۈتۈن ئېكرانلىق لايىھە قوللىنىلغان، ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ iPhoneى ھېسابلىنىدۇ.

لايىھە سۈرىتىگە قاراپ iPhone X Proنىڭ سىرتقى قېپىغا ئەينەك، رامكا قىسمىغا مېتال ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. يانفون گەۋدىسى بىر قەدەر چوڭ بولسىمۇ، ئەمما نەپىسلىكىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن، رامكا گىرۋەكلىرى بەك سىلىق بولۇپ، تېخنىكا تۇيغۇسى كۈچلۈك.

يانفون ئېكرانىنىڭ پەرق ئېتىشچانلىقى 3840×2160 پىكسېلغا، پىكسېل زىچلىقى 806PPI غا يېتىدۇ، ئومۇمىي ئۈنۈمى iPhone Xغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ھەيران قالارلىق تۇيغۇ بېرەلەيدۇ.

iPhone X Proنىڭ ئېكران ئېنىقلىقى يۇقىرى بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە 4K ئېنىقلىقىدىكى فىلىملەرنى قوللايدۇ، دېمەك، فىلىم كۆرۈش ۋە ئويۇن ئوينىغاندىكى تۇيغۇ يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

iPhone X Proنىڭ بۇ ئۇقۇم لايىھەسىدە ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى 5-ئەۋلاد تور ئالاقە تېخنىكىسىنى قوللايدىغانلىقى، يەنى 5G تورىنى قوللايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دېمەك، iPhone X Proنىڭ تورغا چىقىش سۈرئىتىمۇ بىزگە پۈتۈنلەي يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلغۇسى.

يانفوننىڭ ئارقىسىغا 20+20 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا ئورنىتىلغان، ئوپتىكىلىق تەۋرىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى، f/1.8لىك ئوپتىك چەمبىرەك، بەش ھەسسىلەنگەن فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارى، شۇنداقلا كۆپ خىل سۈرەتكە تارتىش ھالىتى قوشۇلغان، مەيلى كۈندۈز، مەيلى كېچىدە بولسۇن، سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمى ئوخشاشلا ياخشى.

ئەمما بىردىنبىر ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، يانفون ئارقا كامېراسى يەنىلا كۆپۈپ چىققان ھالەتتە بولۇپ، بۇ تەرىپى راستىنلا ئەپسۇسلىنارلىق.

يانفوننىڭ ئېكران يۈز نىسبىتى %97 گە يېتىدۇ. ئالدى يۈزى ئاساسەن ئېكران بىلەن قاپلانغان، پەقەت ماڭلاي، ئالدى كامېرا ۋە چىراي پەرقلەندۈرۈش سېنزورى قاتارلىقلار ئازراق ئورۇننى ئىگىلىگەن. بارماق ئىزى سېنزورى ئېكران ئاستىغا يوشۇرۇنغان.

يانفون يان تەرىپىگە سېزىمچان توك مەنبە كۇنۇپكىسى ئورنىتىلغان، يانفون باتارېيە سىغىمى 4000mAhكە يېتىدىغان بولۇپ، تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش ۋە سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.

بۇ يانفونغا A12 تىپلىق ئەڭ يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 8Gلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64/128/256Gلىق ساقلاش بوشلۇقى سەپلىنىدۇ، باھاسى 8688 يۈەندىن باشلىنىدۇ. 

قىسقىسى، ئېكرانى تېخىمۇ چوڭايتىلغان بۇ iPhone X يانفونى ھەقىقەتەن سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېمپىراتور3 ئاي ئىلگىرى

    ھەيران قالماڭلار باللا بۇ تېلىفۇن بۇنداق چىقمايدۇ چۈنكى لايىھە دەپ چىقىرىپ قويغان نەرسىنىڭ نۇرغۇنلىرىنى تېخى ئەمەلىيەتتە كۆرمىدۇق

  • سەھەر3 ئاي ئىلگىرى

    ما باللىغا ھېچنىمە يارىمايدىكەن، ۋاي توۋا، سەت ماڭلىينى يۇقتىشقا سەل ساقلاپ قالسىلە ،بولمىسا ئى ماڭلىيى يوقتىن بىرەنى ئىشلىتىپ تۇرىڭلا ،ھەر قايسڭلارنى تىم كوك زورلىمىغاندىكىن

  • ساقلاپ3 ئاي ئىلگىرى

    ئىلان قىلىنغاندا بۇنداق چىقماسلىقى مۇمكىن ، ئالما ماركىنى قىممەتلەشتۈرسە بازارتاپىدۇ دەپ ئويلاپتۇدە ،

  • سامسۇڭ ھەۋاسكارى3 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىسى قۇرۇق گەپ خىيال دىگەن شۇ سامسۇڭ سونىي قىسا قىلالايدۇ ئالما مۇمكىن ئەمەس جىما

  • تۆمۈرتۇمشۇق3 ئاي ئىلگىرى

    سەت ماڭلىيىنى يەنە يۇقاتماپتا

  • ئىمىنجان3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما ھەقىقەتەن ئىسل

  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    ئىسل ھازىرقى iphone x تىن باھا پەرقى ئوخشمايدىكەن ماۋۇ ھەقىقەتەن ئىقدارى كۇشلۇك يانفۇنكەن

  • RAW3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئالما بۇلىدىكەن بورنى ئالسام بولغىدەك

  • ParisHan3 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىسى قۇرۇق گەپ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号