باش بەت

tayks

1218يوللانما
11مەستانە

ئۇدا 3 كۈن سومكا ئوغرىلىغان ئەرنى دۇكاندار تونۇۋېلىپ تۇتۇۋالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-02 21:38 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«مەن ئوغرى ئەمەس، مېنى قويۇۋەت، مەن سومكا سېتىۋالغىلى كەلگەن». «كاززاپلىق قىلما، ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندىمۇ سەن ئوغرىلىغان، مەندە نازارەت قىلىش كامىراسى بار». يۈجوڭ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سودا ساراينى چارلاۋاتقان سەييۈەنبا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى دەرھال ئېتىلىپ چىقىپ دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىپ تەكشۈرگەن.

دۇكان غوجايىنى خۇاڭ ئەپەندىنىڭ ساقچىلارغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۆزى بۇ سودا سارايدىكى # نومۇرلۇق سومكا تىجارىتى قىلىدىغان دۇكاننىڭ غوجايىنى ئىكەن، ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە ئىشتىن چۈشكەندە دۇكاندىكى سومكىلارنى سانىغاندا دائىم بىرسى كەم چىققاچقا، ناھايىتى غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، نازارەت كامىراسىنى تەڭشەپ تەكشۈرۈپ باققان ۋە بۇ 3 ئايالچە سومكىنى بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەرنىڭ ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. يەنە ئوغرىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىشىكنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويغان سومكىلارنىڭ ھەممىسىنى ئارغامچا بلەن بىر-بىرىگە باغلاپ قويغان، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13:30 مىنۇت ئۆتكەندە، نازارەت كامىراسىدىكى ئەرنىڭ دۇكانغا كىرگەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئېتىلىپ چىقىپ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەتراپنى چارلاۋاتقان ساقچىلار ۋە ئاۋازنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئامما بىلەن بىرلىكتە ئۇنى بويسۇندۇرغان.

ساقچىلار دۇكاندىكى نازارەت كامىراسىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئەر ئاخىرى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 29-، 30-، 31-كۈنلىرى 3 دانە ئايالچە سومكىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. سوراق قىلش ئارقىلىق، بۇ ئەرنىڭ فامىلىسى جۇ بولۇپ، جىسمانىي ئەمگەكنى بەكلا جاپالىق دەپ قارىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق ھۆنىرى بولمىغاچقا، بۇ جايدىن ھېچقانداق ماس كەلگۈدەك خىزمەت تاپالمىغان. 12-ئاينىڭ 29-كۈنى خۇاڭ ئەپەندىنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئىشىكنىڭ سىرتىغا ئېسىپ قويۇلغان ھەر خىل نۇسخىدىكى ئايالچە سومكىلارنى كۆرگەن، دۇكاننىڭ ئىچىدە پەقەت بىرلا پىركازچىك خىرىدارلارنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، «باي بولۇش» پۇرسىتى كەلدى دەپ قاراپ، پىركازچىك دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر دانە ئايالچە سومكىنى ئېلىپ ئايرىلغان، كېيىنكى 2 كۈندىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئوغرىلىق قىلغان ۋە شۇ كۈنىلا 100 يۈەن باھادا يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرگە ساتقان. ئويلىمىغان يەردىن تۆتىنچى قېتىم يەنە ئوغرىلىق قىلماقچى بولغاندا تۇتۇلغان. گۇماندار جۇ فامىلىلىك يەنە ئايالچە سومكىلارنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا ئاسان قولدىن چىقارغىلى بولىدۇ دەپ قاراپ ئوغرىلىغانلىقىنى ئېيتتى. دۇكاندارنىڭ ساقچىلارغا ئېيتىپ بېرىشىچە، 3 سومكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدىكەن.

نۆۋەتتە جۇ فامىلىلىك ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号