باش بەت

del103

4010يوللانما
30مەستانە

iPhone X نىڭ iPhone 6S Plus قا يېتەلمەيدىغانلىقىنىڭ 11 سەۋەبى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-02 23:56 10 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 2-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىلاۋە: بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى Antonio Villas-Boas، ئۇ مەلۇم چەتئەل تاراتقۇسى تېخنىكا سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى

2015-يىلى 9-ئايدا iPhone 6S Plus يانفونى بازارغا سېلىنغاندا بىرنى سېتىۋالدىم، باھاسى 800 دوللار (تەخمىنەن 5193 يۈەن بولۇپ، باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). مىنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى، 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى يەنە مۇشۇنداق كۆپ پۇل خەجلەپ iPhone 7 Plus، iPhone 8 Plus ياكى iPhone X سېتىۋېلىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىدى.

بۇ گېپىمنى خاتا چۈشىنىۋالماڭ، ئالما شىركىتى يېڭىدىن چىقارغان iPhoneلار ئەلۋەتتە كونا نۇسخىدىكى iPhoneدىن تېخىمۇ ياخشى. يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneغا تېخىمۇ تېز بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە قوش كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، تارتىلغان سۈرەتلەر تېخىمۇ سۈزۈك. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر قىسىم ئالما ئابونتلىرىنىڭ iPhoneنىنى يېڭىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئەمما مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن كامېرا دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى يېڭى نۇسخىدىكى iPhone سېتىۋېلىشىمغا يېتەرلىك باھانە بولالمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:

  1. تاشقى قىياپىتىن قارىغاندا iPhone 6S نىڭ iPhone 7 ۋە iPhone 8 بىلەن ئانچە چوڭ پەرقى يوق.


سولدىكىسى iPhone 7، ئوڭدىسى iPhone 6S يانفونى

سۈرەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، iPhone 6S بىلەن iPhone 7نىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق، ئاساسلىقى iPhone7 قايتىدىن لايىھەلىنىپ، ئانتېناسى ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان ھالەتكە كىردى.

iPhone 8گە كەلگەندە ئارقا قېپى ئەينەككە ئۆزگەرگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا جايلىرىنىڭ لايىھەسى iPhone 6S بىلەن ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ. ئەينەك ئارقا قاپ iPhone 8نى تېخىمۇ ئالىي سۈپەتكە ئىگە قىدى، ئەمما ئاسان چېقىلىپ كېتىدىغان ئەينەك قاپ مېنىڭ يېڭى iPhone سېتىۋېلىشىمغا باھانە بولالمىدى.

2. iPhone 7 بىلەن iPhone 8نىڭ يېڭىدىن چىققان رەڭلىرى تېخىمۇ چىرايلىق، ئەمما مەن يەنىلا كۈمۈش رەڭلىك iPhoneنى ياقتۇرىمەن.

iPhone 7نىڭ پارقىراق ۋە خىرە قارا رەڭلىكى بەكلا چىرايلىق چىقتى، iPhone 8نىڭ ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭگىمۇ قارىماققا ئىنتايىن ئېسىل كۆرۈنىدۇ، ئەمما بۇ رەڭلەر مېنىڭ iPhone 7 ياكى iPhone 8 سېتىۋېلىش ئىستىكىمنى قوزغىيالمىدى. ئەگەر مەن يېڭىدىن بىر iPhone سېتىۋالماقچى بولسام، چوقۇم ئاق ياكى كۈمۈش رەڭلىكىنى تاللىغان بولاتتىم.

ئەلۋەتتە، ئەگەر 80-يىللارنى ئەسلىتىدىغان ئاچ سېرىق رەڭلىكى چىققان بولسا، مەن چوقۇم تالىشىپ سېتىۋالغان بولاتتىم.

3. iPhone X بىر نادىر ئەسەر، ئەمما ئۇنىڭ باھاسى ئادەمنى يالتايدۇرۇپ قويىدۇ.

iPhone X ھازىرقى ئەڭ چىرايلىق يانفون، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ يان رامكىلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئېكرانى يانفون ئالدى يۈزىنى ئاساسەن دېگۈدەك قاپلىغان. iPhone Xنىڭ iPhone 6S Plusدىن خېلىلا چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن. بۇندىن باشقا، iPhone Xكە سەپلەنگەن OLED ئېكران تېخىمۇ قالتىس، رەڭگى تېخىمۇ جەلب قىلارلىق. ئەمما iPhone 6S Plusنىڭ ئىپادىسى يەنىلا ئادەمنى رازى قىلالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر OLED ئېكرانلىق يانفون سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى دەپ قارىمايمەن.

قانداقلا بولمىسۇن، 1000 دوللار (تەخمىنەن 6491 يۈەن)لىق باھانى ئويلىساملا، داۋاملىق قولۇمدىكى iPhone 6S Plusنى ئىشلىتىۋېرىش قارارىغا كېلىمەن.

4. iPhone 6S Plusنىڭ سۈپىتى ئىشەنچلىك، سۈرئىتىمۇ بولۇپ قالىدۇ.

يېڭى يانفون سېتىۋالماسلىقىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھازىرقى يانفونۇم ناھايىتى راۋان ئىشلەيدۇ. ئەگەر بىرەر ئەپنى ئاچقاندا ئادەمنى ساقلىتىپ تىرىكتۈرسە (بولۇپمۇ جىددىي ۋاقىتلاردا)، ئۇنداقتا بۇنداق يانفوننى چوقۇم ئالماشتۇرۇش كېرەك.

iPhone 6S Plus يانفونىغا سەپلەنگەن A9 ئۆزىكى مېنىڭ يانفون سۈرئىتىگە بولغان تەلىپىمنى قاندۇرالايدۇ، ھەر قانداق بىر ئەپنى ئاچقان ۋاقتىمدا، چېكىنىپ كېتىدىغان ئەھۋال ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ.

5. iPhone 6S Plus نىڭ كامېراسى خېلىلا ياخشى

سۈرەتتە: ئاپتور iPhone 6S Plus يانفونىدا تارتقان ھاۋاينىڭ مەنزىرىسى

iPhone 6s Plusدىن كېيىن، iPhone 7 Plus ،iPhone 8 Plus ۋە iPhone Xلەرنىڭ ھەممىسىگە قوش كامېرا ئورنىتىلدى، بۇ بىر چوڭ ئۆزگىرىش. يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneنىڭ كامېراسىدا تارتىلغان سۈرەتنى چوڭايتقاندىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ. پورتېرىت ھالىتى ئىقتىدارى تېخىمۇ قالتىس.

iPhone 6s Plusدا تارتىلغان سۈرەتنى قانچە چوڭايتقانسېرى شۇنچە غۇۋالىشىپ كېتىدۇ. ئەمما مەن 800 نەچچە دوللار خەجلەپ چوڭايتسىمۇ غۇۋالاشمايدىغان ئىقتىدارغا ئېرىشىشنى ئانچە خالىمايمەن. چۈنكى iPhone 6s Plusدا تارتىلغان سۈرەتلەر ھاجىتىمدىن چىقىدۇ، 800 دوللار (5193 يۈەن) يەنىلا بانكا كارتامدا تۇرىۋەرگىنى تۈزۈك.

6. iPhone 7 بىلەن iPhone 8نىڭ ئېكرانى ياخشىلاندى، ئەمما بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس.

سۈرەتتە: iPhone 6 ،6S ۋە iPhone 7نىڭ سېلىشتۇرمىسى، سۈرەتتىن iPhone 7نىڭ ئېكرانى تېخىمۇ يورۇق، رەڭلىرى تېخىمۇ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

iPhone 7 بىلەن iPhone 8نىڭ ئېكران يورۇقلۇق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، رەڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ قالتىس، ئەمما iPhone 6S Plusنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمنىڭ بۇ نۇقتىغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. بۇ يانفونلارنىڭ ھەممىسى 3D Touch ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، 3D Touch بولسا تېز سۈرئەتتە قولايلىق تىزىملىكنى ئاچقىلى بولىدۇ.

8. iPhone 7 بىلەن iPhone 8دىكى چەكمە كۇنۇپكا تېخىمۇ مودا تۇيۇلىدۇ، ئەمما iPhone 6Sدىكى مېخانىك كۇنۇپكىنىڭ ئىقتىدارىمۇ يامان ئەمەس.

iPhone 7 دىكى يېڭىدىن لايىھەلەنگەن Home كۇنۇپكىسى ھەقىقەتەن ئالقىشلاندى، بۇ كۇنۇپكىنى ئىچىگە بېسىشنىڭ ھاجىتى يوق، چېكىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، شۇڭا قارىماققا iPhone 6Sدىكى مېخانىك كۇنۇپكىغا قارىغاندا تېخىمۇ مودا كۆرۈنىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەشكە يەنىلا ئەرزىمەيدۇ. مېخانىڭ كۇنۇپكا ھاجىتىمىزدىن تامامەن چىقالايدۇ، ئۇنىڭدىمۇ بارماق ئىزى تونۇتۇپ چىقىم قىلغىلى، ئېكران قۇلۇپىنى تېز سۈرئەتتە ئاچقىلى بولىدۇ.

9. iPhone Xنىڭ Face ID ئىقتىدارى مېنى قىزىقتۇرالمىدى.

Face ID (چىراي تونۇش) قارىماققا بەك قالتىس تۇيۇلىدۇ، چۈنكى بۇ بىر يېڭىچە قۇلۇپ ئېچىش ئۇسۇلى. ئەمما پەقەتلا قالتىس تۇيۇلىدۇ، خالاس، Touch IDغا سېلىشتۇرغاندا ۋاي دەپ كەتكۈدەك يېرى يوق.

10. iPhone 6S Plusنىڭ سۇدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى يوق، ئەمما بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق.

iPhone 7نىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىدا زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولدى، يانفونىڭىز ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتسىمۇ ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، قولۇمدىكى يانفوننى سېتىۋالغاندىن بۇيان ھازىرغىچە سۇغا چۈشۈپ كېتىپ باقمىدى.

بۇندىن باشقا، iPhone 6Sنىڭمۇ بەلگىلىك دەرىجىدىن سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى بار (پەقەت رەسمىي يوسۇندا تەشۋىق قىلىنمىدى شۇ)، سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى iPhone 8 ،iPhone 7 ياكى iPhone Xكە يەتمىسىمۇ، ئەمما ئاندا-ساندا يۈز بېرىدىغان سۇ چاچراپ كېتىش ياكى سۇ تېمىپ كېتىشلەرگە تاقابىل تۇرالايدۇ.

11. iPhone 6S Plusنىڭ تىڭشىغۇچ تۆشۈكى بار.

بىز ھازىر ئالما شىركىتىنىڭ «سىمسىز كەلگۈسى» ئۇقۇمىنى كۆرۈۋاتىمىز، ئەمما بىز ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سىملىق. ئەلۋەتتە، iPhone 7 ،iPhone 8 ياكى iPhone Xنىڭمۇ سىملىق تىڭشىغۇچىسى بار، بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم ماسلاشتۇرغۇچ سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ياكى Lightning ئېغىزىنى قوللايدىغان تىڭشىغۇچ بولۇشى كېرەك، ئىشقىلىپ بۇ بىر قولايسىز تەرىپى.

يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ مەن يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneنى سېتىۋالمىدىم، ئەمما بىرەر نەرسىنى قولدىن بېرىپ قويغاندەك تۇيغۇدا بولۇپمۇ باقمىدىم. iPhone 6S Plus ھاجىتىمدىن چىقالمىغانغا قەدەر داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، iPhone 9 (بۇ يەردە دېيىلگەن iPhone 9 يانفونى iPhone 8 ۋە iPhone Xدىن كېيىنكى iPhoneنى كۆرسىتىدۇ، ئالما شىركىتى تېخى ئۇنىڭغا رەسمىي ئىسىم قويمىدى) چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئالماشتۇرسام بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئالما شىركىتى بۇ يىل 9-ئايدا قانداقراق يېڭى مەھسۇلاتلارنى چىقىرىدۇ ساقلاپ باقايلى.

ھە راست، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iOS سىستېمىسىغا يېڭىلىغاندىن كېيىن، قولۇمدىكى iPhone 6S Plus نىڭ توكى تېز خورايدىغان بولۇپ قالدى، بۇرۇنقىدەك ئۇزۇن يەتمەيدۇ. ھازىر 80 دوللار (تەخمىنەن 519 يۈەن) خەجلەپ Apple Store دىن بىر يېڭى باتارېيە سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • زىرەك2 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭ ئالما يەتتىدىن بىرنى ئالغۇم كىلىۋاتقىلى خېلى بولدى بىراق باھاسى بەك قىممەتكەن

  • ئېسىل09982 ھەپتە ئىلگىرى

    يىڭىلىسا ياخشى يىڭى ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ

  • سۆيگۇ بۇلاڭچىسى2 ھەپتە ئىلگىرى

    قولۇمدىكى OPPO يانفۇنى سىستىما يىڭىلاش ئۇچۇرى كەلگلى خىلى بولدى يىڭىلىسا ياخشىمۇ يىڭلىمىسىمۇ

  • يۈسۈپجان 8112 ھەپتە ئىلگىرى

    小米手机完蛋了مەنمۇ小米5Xدىن 1ئالغان تىلفۇندا信号دەيدىغان نەرسە يوق 1500كوي پۇلۇم يوق بولدى ئىسىت

  • ساقلاپ2 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچە بۇگەپنى قوللايمەن جۇما بىر ئوبدان ھاجىتىمىزدىن چىقىۋاتقان تىلىفۇننى ئالماشتۇرۇپ سۆلەتۋازلىق قىلغاننىڭ ھىچنىمىگە پايدىسى يوق ، نەچچە مىڭ يۈەننى بۇزۋىتىپ تىلىفۇن ئىلىپ پايدىلىنالماي ئاغىرىپ قالغاندا دوختۇرخانىغا تۈلەيدىغان پۇل يوق ، بۇتىلىفۇننى جددى ساتىمەن پۇل لازىم بوپ قالدى دەپ تورغا ئىلان چىقارغانلا ئاز ئەمەس ،

  • ئىستېقبال2 ھەپتە ئىلگىرى

    قۇرۇق گەپنى جىق قىلىدىغان بالىكەن بۇ.قۇسۇر تاپاي دسە ھەممە نەرسىدىن قۇسۇر تاپقىلى بولىدۇ. ئالما Xنى ئاغىسى يوقكەن شۇڭا يارىمايدۇ. ئەگەر ئالىمەن دەپ نىيەت قىلىپ دۇكانغا كىرسە چوقۇم ھەممە تەرەپلىرى ياخشى كۆرنىتى.

  • ئۈنسىز يىغا3 ھەپتە ئىلگىرى

    دوسلار شىياۋمىنىڭ تىلفونلىردىن چاتاق چىقۋاتامدۇ نىمە ئون كۈن بوپ قالدى دىيەنشىن كارتامدا رەسىم شىپىڭ ماڭمايدۇ لىكىن لىيەنتۇڭ كارتىدا ماڭىدا دىيەنشىن كارتىنى باشقا تىلفونغا سالسام نۇرمال مىنىڭلا شۇنداقمىكىن دىسەم ئۈندىدارىمدا با بەش ئالتە دوستۇمنىڭمۇ شۇنداقكەن ھەممىسنىڭ تىلفونى شىياۋمى ھەم خوڭمى ھازىر مۇشۇ ئىنكاسمۇ يوللانماي لىيەنتۇڭ كارتامنىڭ تورىدا يوللاندى

  • B -R-T3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ بىر ئايفون ھەۋەسكارى ،قولۇمدا 5ئېستىن بىرسى بار ئىشلىتۋاتقىلى 3 يىل بولدى شۇنداق راۋان ،ئەمدى شۇ توكى يەتمەيدىغاندىن باشقا ھىچقانداق كەمچىلىكى يوق ،ئايفون شېركىتى نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ بازارغا سالغان بولسىمۇ مېنى ھىچ بىر ئۆزىگە قارتالمىدى ،قولۇمدىكى بۇ تېلفۇننى يەنە ئىككى يىل ئىشلىتىپ ئالما ئالتە ئەس ئالسام ئالىمەن ئەمما بىر كالىنىڭ پۇلىغا يېڭى چىققان ئايفون سېتۋالمايمەن

  • ئەلى3 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمىدگەن قۇرۇق گەپ بۇ جىق گەپ قىغۇم يوق

  • قىزىل چىلان3 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ شۇ6s ئىشلەۋاتىمەن مىنىڭچە ھازىريانفۇن ئالمايمەن6s ھاجىتىمدىن تۇلۇق چىقالايدۇ.باھاسىمۇ مۇۋاپىق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号