باش بەت

zefer

926يوللانما
50مەستانە

سامسۇڭ راستىنلا دۆلىتىمىز يانفون شىركەتلىرىنىڭ ئارقىدا قالدىمۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 10:10 10 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭنىڭ دۆلىتىمىزدىكى بازار ئۈلۈشى 2015-يىلىدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز چۈشكەن. بولۇپمۇ 2017-يىلى سامسۇڭنىڭ ئالىي سەپلىمىلىك S يۈرۈشلۈكى بىلەن Note يۈرۈشلۈك يانفونى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ھەم بازار ئۈلۈشىمۇ %3كىمۇ يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. سامسۇڭمۇ دۆلىتىمىز بازىرىدا ئەسلىگە قايتىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، مەخسۇس دۆلىتىمىز بازىرىدا بازارغا سالغان C يۈرۈشلۈكىنى يېڭىلاشنى ئاستىلىتىپلا قالماستىن، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى تور سودا سۇپىسىدىكى سېتىش پائالىيەتلىرىدە يېڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرمىدى. نۇرغۇن تورداشلار سامسۇڭ جۇڭگو بازىرىدىن ۋاز كەچتى دەپ پەرەز قىلىشتى. 

ئىلگىرى دۆلىتىمىز يانفون بازىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولمىش سامسۇڭنىڭ بۇنداق قىلىشىدا بىر سەۋەب بار. 

بازار تەكشۈرۈش شىركىتى GBH Insightsنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلقى ئەڭ بازارلىق ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە سامسۇڭ S8 ۋە Note8دىن جەمئىي 33 مىليون دانە سېتىلىپ، ئەڭ بازارلىق ئاندىرويىد يانفونىغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار ئالىي سەپلىمىلىك بايراقدار مەھسۇلات، باھاسىمۇ ئەرزان ئەمەس. بايراقدار يانفونى بۇنچە كۆپ سېتىلغان يەردە ئوتتۇرا-تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفونلىرىغا گەپ كەتمەيدۇ. 

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سامسۇڭ يەنىلا دۇنيا يانفون بازىرىنىڭ ھۆكۈمرانى، بازار ئۈلۈشى ۋە مال چىقىرىش مىقدارى جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، يانفون سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ كەسىپلىرىنىڭ بىرى، يانفونغا ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە سامسۇڭ قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. باتارېيە، ئېكران، ئىچكى ساقلىغۇچ، چاقماق ساقلىغۇچ، كامېرا قاتارلىقلاردا سامسۇڭسىز ئىش پۈتمەيدۇ، سامسۇڭنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلگەنسىز. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە گۈللەپ ياشناۋاتقان خۇاۋېي، شياۋمى قاتارلىقلار يەنىلا سامسۇڭنىڭ خېلىلا ئارقىدا. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھايات داۋامىدا...2 ھەپتە ئىلگىرى

    سامسۇڭنىڭ تېلفۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرى بار ،دۇبەيدىكى دۇنيا بۇيچە ئېگىز قۇرلۇشنىمۇ سامسۇڭ شىركىتى سالدى ،سىلە سامسۇڭنىڭ باشقا خەۋەرلىرنى كۆرمەپسىلەر ،دۆلىتىمىز يانفۇنلىرمۇ ئالما سامسۇڭدىن قالسا ئالدىنقى قاتاردا تۇردۇ.

  • 阿不拉江2 ھەپتە ئىلگىرى

    سامسۇڭ تىلفۇننى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن ئېلىپ ئىشلەتسە ياخشى چىقدۇ بەزەن باللا با قالايمىقان دۇكانلادىن ساختپەز تىلغۇنچىلادىن ئىچىدىكى قاتتىق دىتاللىرنى ئالماشتۇرۋەتكەن تىلفۇننى ئىلىپ سامسۇڭ قېتۋالدىكەن بەك ناچاركەن دەپ قاخشايدۇ مەن galaxy c 9pro ئىشلتۋاتمەن بىر يىل بۇلاي دىدى شۇنداق ياخشى ھېچقانداق مەسلە چىقىپ باقمىدى

  • قەھرىمان2 ھەپتە ئىلگىرى

    كەلگۈسىدە دۆلىتىمىز كارخانىلىرى سامسۇڭنىڭ ئورننى ئىلىشى مۈمكىن،ئەمىلىيەتتە سامسۇڭنىڭ تەرەققىياتى 90يىللىرىدىكى ياپونىيە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىدا ياپۇن كارخانىلىرى ۋەيران بولماسلىق ئۈچۈن چىقىمنى ئازايىتىپ زور دەرىجىدە خادىم قىسقارتقان ۋاقىتتا سامسۇڭ,lg,sk 现代قاتارلىق كورىيە شىركەتلىرى ياپونىيەدە تارماق شىركەت قۇرۇپ نۇرغۇن تىخنىكا ئىنژىنىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ شارىپ،خىتاچى،ئىربىدا،توشىبا،سونىي قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ نۇرغۇن تىخنىكىسىنى قوبۇل قىلدى ئۆگەندى،ئاندىن تۆۋەن باھادا مەھسۇلات سىتىپ ياپون كارخانىلىرىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى يۈتۈۋالدى،15يىلدىن كىيىن ياپون كارخانىلىرى ئەسلىگە كەلگەندە ۋازىيەتنى ئۆزگەرتكىدەك كۈچى قالمىدى.مىنىڭچە تارىخ دائىم قايتىلىنىدۇ،ھازىر خۇاۋىي،زىگۇاڭ،فۇشىكاڭ،شاۋمىي،جىڭدۇڭفاڭ قاتارلىق شىركەتلەردەك بۇرۇن سامسۇڭ قىلغان ئىشنى قىلىۋاتىدۇ.

  • udun2 ھەپتە ئىلگىرى

    سامسۇڭ ھەقىقەتەن ياخشى، مەن بۇرۇن ئالما، شاۋمى دىگەندەك تېلفۇنلارنى ئىشلەتكەن، ھازىر سامسۇڭ ئىشلىتىۋاتىمەن، بەك ياخشىكەن، ۋىۋو ئوپپو دا يېڭىلىق يوق ، پەقەت ئىشلەتكۈچىلەر دوراپ ئىشلىتىۋاتىدۇ خالاس

  • ئۇيۇنچى،،،،،2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ سامسۇڭ يانفونى ئىشلەتكىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولدۇ،تېلۋىزورمۇ سامسۇڭ ،ئېكرانى پېچەت.

  • 91092 ھەپتە ئىلگىرى

    سامسۇڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن ياخشى مەنمۇ بۇرۇندىن تارتىپلا سامسۇڭ تىلىفۇنىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن سامسۇڭ مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن سۈپەتلىك ھەم ئىقتىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ

  • qochqar2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىشقىلىپ مەن سامسۇڭ ئىشلىتىپ كەلدىم، بىر ئۆمۈر ئىشلىتىشىم مۇمكىن

  • ئالمالىق2 ھەپتە ئىلگىرى

    سامسۇڭ دېگەن بىر گىگانت گۇرۇھ، سامسۇڭ بولمىغان بولسا ھازىرقى ئالما تېلىفۇن بولمىغان بولاتتى، سامسۇڭ بولمىغان بولسا دۆلىتىمىز يانفۇن شىركەتلىرىمۇ بۇنچىلىك دەرىجىدە تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمەيتتى.
    بىز سامسۇڭنى پەقەت دۆلىتىمىز ئىچىدىلا سېلىشتۇرۇپ كەلدۇق. ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى، قودرىتى بەكلا چوڭ، ئۇ پەقەت بىر يانفۇن ئىشلەپ چىقارغۇچى ئەمەس، بەلكى ئېكران، CPU، كامىرا قاتارلىق ھەرتۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ئالىيسىنى ئىشلەپچىقارغۇچى. بۇلارنى دۆلىتىمىز يانفۇن شىركەتلىرى كۆپ ئىشلىتەلمەيدۇ، چۈنكى باھاسى قىممەت! دۆلىتىمىز يانفۇنلىرى ئەرزان دېگەن بىلەن ئادەتتىكى سەپلىمىلەرنى ئىشلەتكەچكە ئەرزان، لېكىن سامسۇڭ داۋاملىق ئۆزىنىڭكىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ، ئالمىمۇ ئەزەلدىن سامسۇڭدىن ئېلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا سامسۇڭ بىلەن ئالما تېلىفۇن قىممەت !
    سامسۇڭ ئۇ يانفۇن ئېكرانى ۋە تېلىۋېزۇر ئىكرانى جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ نوچىسى، بۇ بازارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك سامسۇڭنىڭ قولىدا ! سامسۇڭ ئۇ پەقەت يانفۇن ئىشلەپچىقارغۇچى ئەمەس، ئۇ ھەرتۈرلۈك ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى ئەڭ ئالىي قىلىپ ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. باشقا كەسىپلەردىمۇ مەلۇم بىر ئورۇنغا ئىگە.

  • 微笑的死神2 ھەپتە ئىلگىرى

    特别爱 خاتالىشىپ قالدىڭىزمۇ يە ، ئەڭ ئاستىدىكى مەزمۇننى تۇللۇق ئۇقۇڭە ، سىلە oppo vivi دىگەن بىلەن ئۇلا شۇ قۇرۇق تەشۋىقاتقىلا ئەھمىيەت بىردۇ ، قۇرۇق لاپقا بىنەسە كەمەيدۇ دوسلا ، سامسۇڭ يەنىلا ھۆكۈمران شۇ خەقتەك قۇرۇق لاپ ئاتمايدۇ خالاس ، سامسۇڭ بەك ياخشى سامسۇڭنىڭ ئالدىدا vivo oppo ھەييييي .....

  • 特别爱2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە كەينىدە قالدى.ھەممە يەردە OPPO OPPO دەپلا تۇرسا ، دۆلىتىمىز يانفونلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号