باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

ئالما iPhone Xنىڭ ماڭلاي ئېكرانىغا يېڭى پاتېنت ھوقۇقى ئالدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 12:51 4 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 3-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان iPhone Xنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى Home كۇنۇپكىسى ئېلىۋېتىلگەن، ئۇنىڭغا پۈتۈن ئېكران لايىھەسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، گەرچە ئۈستىدە ئازراق ماڭلىيى بولسىمۇ، ئەمما بۇ يانفون نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان يانفونلار ئىچىدە ئېكران نىسبىتى %100كە يېقىنلىشىدىغان پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون ھېسابلىنىدۇ. iPhone Xنىڭ ئالدى ماڭلىيى كۆزگە چېلىقىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى، ئۇنىڭغا يەنىلا باشقا زاۋۇتلار بەس-بەستە تەقلىد قىلىدىغان ID ئىشلىتىلگەن، ئەلۋەتتە بەزى كارخانىلار ئاللىبۇرۇن ھەرىكەتكە كېلىپ بولدى، بۇ ئالمىغا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىسىز ئەھۋال، ئەمما ئالما ھازىر ئالدىن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

بۈگۈن ئامېرىكا پاتېنت ۋە تاۋار ماركا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى پاتېنت ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما iPhone Xنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە پاتېنت ئىلتىماس قىلغان، يەنى باشقا كارخانىلار ئوخشاش شەكىلدىكى ماڭلىيى بار يانفون چىقارماقچى بولسا ئالمىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان بولىدۇ. 

iPhone X ئالمىنىڭ كەلگۈسى 10 يىلدىكى لايىھە تەپەككۇرىنى كۆرسىتىپ بېىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، iPhoneغا ھەقىقىي تۈردە %100لىك ئېكران نىسبىتىگە ئىگە پۈتۈن ئېكران سەپلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىرنى كۈلىڭە2 ھەپتە ئىلگىرى

    شىياۋمى قاندا قىلا ئەمدى ماڭلايلىق چىقىرىپتىكە

  • مۇز2 ھەپتە ئىلگىرى

    باشقا تىلفۇنلار تۇگشۇپتۇ

  • ئەلۋىدا كەچمىشىم2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەمەلىيەتتە ئالمىنىڭ بۇ قىلغىنى باشقا شىركەتلەرنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردىمى بولىدۇ

  • سەزگۈ123152 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋۇججو ،،ئەمسە كامىرا تىڭشىغۇچ نى نەگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ ،،باشقا يانفونلار ،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号