باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

ئانالىزچى: iPhone Xكە بولغان ئېھتىياج يۇقىرى ئەمەس بۇ يىل باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 15:38 2 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 3-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

CLSA ئاكسىيە شىركىتىدىكى بىر ئانالىزچىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، گەرچە كەسپىي ساھەدىكىلەر ئالدىنقى ھەپتىدە iPhone Xنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا بولغان مۆلچەرىنى ئازراق تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۆلچەر يەنىلا يۇقىرى دېيەرلىك ئىكەن. ئالدىنقى ئايدا «ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتى 2018-يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە iPhoneنىڭ سېتىلىش مۆلچەرىنى ئەسلىدىكى 50 مىليون دانىدىن 30 مىليون دانىغا تۆۋەنلەتكەن. بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە ئالما شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھاسى ئىككىنچى %2.5 چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئىشقا قارىتا CLSA ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى نىكولاس باراتتى (Nicolas Baratte)نىڭ قارىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بازارنىڭ iPhoneغا بولغان ئېھتىياجى سۇس بولىدىكەن، نۆۋەتتە بازار ئالما شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى يەنىلا يۇقىرى مۆلچەرلىگەن.

 

نىكولاس بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىز 2017-يىل تۆتىنچى پەسىلدە iPhoneنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنى 35-30 مىليون دانىگە يېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىدۇق، بۇ يىل 1-پەسىلدە iPhone Xنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى ئانالىزچىلار iPhone Xكە بولغان ئېھتىياجنى زىيادە مۆلچەرلىۋەتكەن، ئۇلار 2018-يىل 1-پەسىلدىكى سېتىلىش مىقدارىنىمۇ يۇقىرى مۆلچەرلىۋەتتى. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، iPhone Xنى سېتىۋالماقچى بولغان ئابۇنتلار ئاللىقاچان سېتىۋېلىپ بولدى.»

نىكولاسنىڭ قارىشىچە، iPhone Xنىڭ بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى سېتىلىش مىقدارى 35 مىليون دانىدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، ئۇ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى،iPhone Xنىڭ پەسىللىك سېتىلىش مىقدارىنى 35 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ دېيىش زىيادە مۆلچەرلىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر iPhone Xنىڭ 2018-يىلدىكى سېتىلىشى ياخشى بولمىسا، ئالما شىركىتى بەلكىم باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى قوللىنىشى مۇمكىن.»

مەبلەغ سېلىش بانكىسى Piper Jaffrayنىڭ ئانالىزچىسى مايكول ئولسېن (Michael Olsen)مۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشتا بولۇپ مۇنداق دەيدۇ: «مۆلچەرلىشىمىزچە، ئالما شىركىتى بۇ يىل iPhone Xنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى قوللىنىشى مۇمكىن.» ئۇنىڭ قارىشىچە، باھانى تۆۋەنلىتىش ئىستېمالچىلارنىڭ iPhone Xنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىرىدىغان پۇلنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئۆلچەپ بېرەلەيدىكەن، شۇنداقلا چوڭ ئېكرانلىق يانفون سېتىۋېلىشنى ئويلايدىغان ئىستېمالچىلارنى مۇۋاپىق تاللاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابدىۋېلى 09972 ھەپتە ئىلگىرى

    باھاسىنى 2500ساتسا ئالاتىم

  • سۇرخان2 ھەپتە ئىلگىرى

    باھاسىنى چۇشۇرسە بىرنچى بوپ ئالىمە مەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号