باش بەت

tayks

1218يوللانما
11مەستانە

داڭلىق «ئالتۇن شەھىرى»دىكى كىشىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى زەھەرلەندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 15:40 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىرىنچى چوڭ شەھەر يوھانىسبورگ داڭلىق «ئالتۇن شەھىرى»، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كان رايونى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي تۈگۈنىنىڭ مەركىزى، ئەتراپىدىكى 240 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 60دىن كۆپرەك ئالتۇن كېنى بار، ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇنلىغان كانچىلىق شەھەرلىرى بار، ئۇ پۈتۈن جەنۇبىي ئافرىقا سانائىتى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.

بىراق ھازىر 600دىن ئارتۇق تاشلىۋېتىلگەن ئالتۇن كېنىدىكى زور مىقداردىكى زەھەرلىك مېنىرال داشقاللار بۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ قارا تەنلىكلەر بازىرى Sowetoنىڭ ئەتراپىغا دۆۋىلىشىپ، بۇ يەرنى زەھەر بىلەن ئورىۋېلىنغان جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

Sowetoدا نۇرغۇن قارا تەنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار رايونى، جەنۇبىي ئافرىقا قەھرىمانى ماندىلامۇ بۇ يەردە ياشىغان. بۇ يەردىن بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ قالتىس پۇتبول كوماندىسى چىققان، ئەڭ ياخشى سىياسىيون، مودېل، ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، تەنتەربىيە چولپانلىرى چىققان. بىراق 19-ئەسىردىكى ئالتۇن كولاش قىزغىنلىقى باشلانغاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك كېرەكسىز سۇلار ۋە كان رايونىدىكى داشقاللار نەچچە ئون مىڭلىغان ھاياتلىقنىڭ سالامەتلىكىنى تەھدىتكە ئۇچراتقان.

شۇ يەردىكى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچىسى Thabo Ngubane بىر ئۆلۈپ كەتكەن چوشقىنى كۆممەكتە، ئۆتكەن ئايدا ئۇ 22 چوشقىنى كۆمۈپ قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ چوشقىلارنى بۇ يەرگە دۆۋىلەپ قويۇلغان كان داشقاللىرى ۋە كېرەكسىز سۇلار زەھەرلەپ قويغانىكەن.

تاشلىۋېتىلگەن ئالتۇن كانلىرى قويۇپ بەرگەن كېرەكسز داشقاللارنىڭ تەركىبىدە ئارسېن، ئۇران، قوغۇشۇن قاتارلىق زور مىقداردىكى زەھەرلىك ماددىلار بار. بۇ زەھەرلىك توزانلار ۋە خىمىيەلىك ماددىلار شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن. سۈرەتتە: ھاۋا بوشلۇقىدىن تارتىلغان يوھانىسبورگنىڭ ئەتراپىدىكى كان داشقاللىرى يىغىلىپ كەتكەن جايلار.

بولۇپمۇ يامغۇر ياغقاندا، زەھەرلىك توزانلار زەھەرلىك يامغۇرغا ئايلىنىپ، بىۋاسىتە دېھقانلارنىڭ زىرائىتىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئالتۇن كېنى قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز سۇلارمۇ شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. سۈرەتتە: Soweto بازىرىدىكى بالىلار تاشلىۋېتىلگەن كان رايونىدىكى زەھەرلىك سۇ كۆلچىكىدە ئوينىماقتا.

Soweto بازىرىنىڭ ئاھالىسى Rose Plaatjies نەپەسلىنىشكە ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ، ئۇ قىزى ۋە ئۆزىنىڭ توختىماستىن يۆتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق بۇ كېسەلنىڭ مەنبەسى بۇلغانغان كۆكتاتلار ۋە ئالتۇن كېنى قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك توزانلار ئىدى.

7-، 8-ئايلاردىكى قۇرغاق پەسىلدە چىققان شامال تاشلىۋېتىلگەن كان رايونىدىكى يىغىلىپ قالغان توپىلارنى ئۇچۇرۇپ بازاردىكى كوچىلارغا ئەكىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇچۇرۇپ كىرىپ، يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ. مۇتەخەسىس David Van Wyck مۇنداق دېدى: يېقىن ئەتراپتىكى مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نەپەسلىنىشكە ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. سۈرەتتە: يوھانىسبورگدىكى Soweto بازىرى، سول تەرەپتىكى سۈرەتتە بىر ئالتۇن كېنى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاھالىلەردە يەنە زىققا، بۇرۇن ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، ھۆل تەمرەتكە، كۆز كېسىلى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان، ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى كۈنلىرى ناھايىتى ئازابلىق ئۆتمەكتە.

باش سۈرەت تاللاش x
  • issakjan2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھازىر بايلىقنى دەپ ،ئاتمۇسفىرانى بۇلغىغىنى،دەل ئۈزنى ھالاك قىلغانغا ئوخشاش ،،،ئەپسۇس ئۇلار بىلمەمدۇ ،ھە

  • 18912 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنى بايام بىر سالوندا كۆرگەن ئىدىم،بىر پارچىمۇ رەسىم يوق

  • XAHIRISTAN2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھتنى زىيانغا ئۇچىرىتىش ئەڭ قالاق كىشلەرنىڭ ئىشى،،، ئۇ ئافىرقىلىقلا ھەددىدىن زىيادە قالاقمۇ قانداق ؟ كېرەكسىز گاز سۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەمدىكىنە؟ قالايمىقان تەبىئەتكە قۇيۇپ بەرسە ئاشۇنداق بۇلغىنىش ئېغىرلاپ كېتىدۇ شۇ ! شۇڭلاشقا بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرى مەڭگۈ راۋاج تاپمايدۇ ،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号