باش بەت

گۈل بەرگى

359يوللانما
33مەستانە

بوللىۋود كىنو ئارتىسى ۋە مودېل ئىشا گۇپتا

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 16:43 0 ئىنكاس چۈشتى

بوللىۋود تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىشا گۇپتا 1985-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى دېھلىدا تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى سودىگەر، ئانىسى ئائىلە ئايالى. ئۇ ھىندىستان گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئالىي مەكتەپتە ئاممىۋى تارقىتىش كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇ ساكس بىلەن جاز ئۇسۇلى ئويناشقىمۇ ئۇستا.

2007-يىلى، ئىشا «ھىندىستان خانقىزى» گۈزەللەر تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، «ھىندىستان خەلقئارالىق خانقىزى»، «ئېكرانغا ئەڭ يارىشىدىغان خانقىز» بولۇپ باھالانغان. كېيىن، ئۇ ھىندىستانغا ۋاكالىتەن خەلقئارالىق گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئەپسۇس، ئۇ خەلقئارالىق سەھنىدە باشقىلارغا ئەستە قالغۇدەك تەسىر قالدۇرالمىغان. ئۇ كۆپ قېتىم گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، مودا ساھەسىدە تەرەققىي قىلىشنى تاللىغان.

2010-يىلى، ئۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشكەن سۇ ئۈزۈش كالېندار سۈرىتىگە چۈشۈپ، مودېل ساھەسىدە تونۇلۇشقا باشلىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ جەزبىدار چىرايى ۋە تەنناز بەدەن شەكلىنى ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى ئەنجىلىنا جۇلىغا ئوخشىتىدۇ. ئۇنىڭ كەسپىىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بارا-بارا بوللىۋود كىنو ساھەسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، تۇنجى فىلىمىلا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

 

ئۇ رول ئالغان فىلىملەردىن «Raaz» ،«Jannat 2»، «Chakravyuh» قاتارلىقلار بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号