باش بەت

Kelly

1974يوللانما
122مەستانە

ھىندىستانلىق 29 ياشلىق ئەر ئاشۋارىيا راينى «ئاپام» دېدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 21:43 21 ئىنكاس چۈشتى

بوللىۋود خەۋەرلىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بوللىۋود چولپىنى ئاشۋارىيا راي باچچان ھەر دائىم ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ۋە يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن خەۋەر تېمىسى بولىدۇ. ئاشۋارىيا بوللىۋود ئارتىسى ئابىشېك باچچان بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىر بىر قىزى بار، ئاشۋارىيا كەسپ جەھەتتە بولسا فىلىم «فەننى خان»نى سۈرەتكە ئېلىشكە قاتناشماقتا. 

لېكىن بۇ گۈزەل ئارتىس يېقىندا بىر غەلىتە مۇنازىرىگە چېتىلىپ قالدى. ھىندىستان ئاندرا ئىشتاتىدىكى بىر ياش ئەر ئاشۋارىيا راينى ئۆزىنىڭ بىئولوگىلىيەلىك ئاپىسى دەپ ئېيتتى. بۇ ئەركىشىنىڭ ئىسمى سانگېت كۇمار بولۇپ، 1988-يىلى تۇغۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشچە ئۇ پروبىركا بوۋاق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپىسى ئاشۋارىيا ئىكەن، ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئاشۋارىيانىڭ ئاتا-ئانىسى ۋرىندا ۋە كرىشنا بېقىپ چوڭ قىلغانمىش. 

ئۇنىڭ قوشۇمچە قىلىشىچە ئۇنىڭ دادىسى ئادىۋېلۇ ئۇنى ۋىشكاپنامغا ئېلىپ كەلگەن بولۇپ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە دىيىشىچە ئۇنىڭ ھەقىقىي تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىغا 27 يىل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپىسى يەنى ئاشۋارىيا راينىڭ يېنىغا قايتىپ بارغۇسى بار ئىكەن. 


باش سۈرەت تاللاش x
  • ALIM_Nur1 ئاي ئىلگىرى

    ئەجىبا DNAتەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلەممەسما قانداشلىقىنى ، موشۇنداق تىگى يوق ،نەتىجىسى چىقمىغان خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغانلارنىڭ ھەممىسى پىتنىخور .

  • قوشماقلىرىم3 ئاي ئىلگىرى

    توۋا يەي، 15ياش چېغىدا بۇ بالا ئابىھايات دورىلۇق بۇلۇپ قېلىپ ،ئاشىۋارىيا جاپا تارتىپ پىروبىركىدا بۇ بالىنى تۇغقان بولغىمىدى ، سەتلىكى بۇ تازنىڭ، ھېچ يېرى ئوخشىمىسا يە ئاشىۋارىياغا

  • ھىسام [تاتلىق ]3 ئاي ئىلگىرى

    بۇخەۋەر راس بولسۇن يالغان بولسۇن مەيلى ،يا مەن بالىنىڭ دادىسى بولمىسام نىمە غەم

  • SRK FAN3 ئاي ئىلگىرى

    ئاشۋارىيا 1973-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان قالغىنىنن ئۆزەڭلار ھېسابلىۋىلىڭلار

  • 。宝贝 。3 ئاي ئىلگىرى

    ھاپپاق گەپ قىلماڭلا ھەي ، پىرۇبىركىدا يىتىلگەن ئۇ بالا سىلەچە قىززىق ئەمەسمۇ ، ئۇ چاغلادا ھىندىستان شۇنچە تەرەققى قىلغانمۇ ئۇيلاپ باقمايدىكەنسىلە ھەي سىلەچى بىمەنىلىك ئەمەسما مەن بۇ ئارتىسنى ئانچى ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ لىكىن بۇنداق خەۋەرگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ

  • ،،،،،3 ئاي ئىلگىرى

    ئاشۋارىيا 44ياش نەچچە قېتىم خەۋەرلىرى كەپ تۇرسىمۇ ئۇنتۇپ قالدىكەنسىلە تورداشلا ئۇ 44ياشقا كىردى، ئەمدى ھازىر يېل ئۆرىلىپ بولدى2018كە دىمەك 45كە ئاز قېلۋاتقانلىقنى بىلدۈردۇ،،،ئۇ ئا اشىكتىن3ياش چوڭ،،يەنە بىر مەسلە ھىندىستاندا ياكى باشقا يەرلەردىمۇ بەزى قىزلار15ياشقا كىرمەيمۇ باللىق بۇلدۇ ،بەلكىم ئاشۋارىيانىڭ ئاتا ئانسىمۇ ئۇنىڭ تۇينى بالدۇرراق قىلىپ قويغان بولسا ئەملى رىئاللىقتىكى بالسىمۇ شۇنچىلىك بۇلاتتى ھەيران قالغۇچىلكى يوق،،،يېقىندا تېخى 10ياشقا كىرگەن قىزمۇ بىر بالنىڭ ئاپسى بولدىغۇ ھىندىستاندا،نۇر تۇردا نەچچە خەۋەر قىلغان،تاغىسنىڭ باسقۇنچىلقىغا ئۇچرىغان قىز،،،دۇختۇرلا ھامىلىنى ئالدۇرۇشقا ئۇنمىدى ،ئاندىن كىيىن يەنە ئۇڭۇشلۇق يەڭگىدى دەپ خەۋەرلەر كەلگەن تېخى ئۇزۇن بولمىدى

  • batur3 ئاي ئىلگىرى

    ئاشۋارىيانىڭ پروبىركىدا يېتىلدۈرگەن بۇ بالىسى يىگىرمە توققۇز ياشقا كىرگەن بولسا، ئاشۋارىيا ئەڭ كېمىدە ئون بەش يېشىدا بالىلىق بولغان بولسا ، ئۇنداقتا ئاشۋارىيانىڭ يېشى قىرىق تۆت ياشتىن كەم ئەمەس.ئەگەر بۇ بىئولوگىيىلىك. بالا.ھەقىقىي ئاشۋارىيانىڭ بالىسى بولسا مۇشۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

  • Akram罗3 ئاي ئىلگىرى

    ئاشۋارىيا 42 بىلەن 45 ياشلار ئوتتىرسىدا

  • 特别爱3 ئاي ئىلگىرى

    قاننى تەكشۈرسە ئايرىغىلى بولىدىغۇ ئانا ، بالىلىق مۇناسىۋەتنى.

  • srk3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئارتىس ئاشۋارىيا قىرىق ئۈچ ياش.،، …،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号