باش بەت

كەينىس

1649يوللانما
90مەستانە

2018-يىلى بوللىۋودتىكى يېڭى ئېكران بىر جۈپلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-04 09:40 3 ئىنكاس چۈشتى

ۋارۇن داۋان ۋە ئانۇشكا شارما - Sui Dhaaga

كىنو مەستانىلىرى ئېكراندا ۋارۇن ۋە ئانۇشكانى كۆرۈشكە ناھايىتى تەقەززا بولماقتا. ئۇلار رول ئالغان فىلىم Sui Dhaaga بولسا 9-ئاينىڭ 28-كۈنى قويۇلىدۇ. 

تايگىر شروف ۋە دىشا پاتانى -Baaghi 2

گەرچە بۇ ئىككەيلەن ئەزەلدىن يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆسەك خەۋىرىنىڭ تارقالغانلىقىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولدى. رىئال تۇرمۇش ئاشىق-مەشۇقلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇلار ھەمكارلىشىدىغان فىلىم __ Baaghi 2دىكى خىمىيەلىك رېئاكسىيەسىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقى ئېنىق. 

ۋارۇن داۋان ۋە بانىتا ساندۇ- ئۆكتەبىر 

فىلىم «ئۆكتەبىر» 38 كۈن ئىچىدە ھىماشال ۋە دېھلىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولدى. بۇ فىلىمدە ۋارۇن داۋان يېڭى ئارتىس بانىتا ساندۇ بىلەن بىللە رول ئالىدۇ. بۇ فىلىم 4-ئاينىڭ 13-كۈنى قويۇلىدۇ. 

سىدخارت مالھوترا ۋە راكۇل پرىت سىڭ -Aiyyari

سىدخارت مالھوترا ۋە رول ئالغان ھەرىكەتلىك فىلىم 6-ئايدا قويۇلىدۇ. 

ئاكشاي كۇمار ۋە رادىكا ئاپتى -Padman 

ھەقىقىي رىئال شەخىسنىڭ ھاياتىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن فىلىم Padmanدە ئاكشاي كۇمار ۋە رادىكا ئاپتى رول ئالىدۇ. 

سۇشانت سىڭ راجپۇت ۋە جەكۋىلىن فېرناندىز - Drive

سۇشانت ۋە جەكۋىلىن باش رول ئالىدىغان فىلىم ھەرىكەتلىك كومېدىيەلىك فىلىم بولۇپ، بۇ فىلىم ئوخشاش نامدىكى ھوللىۋود فىلىمىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن. فىلىم خۇررى بايرىمىدا قويۇلىدۇ.

 

سۇشانت سىڭ راجپۇت ۋە سارا ئەلى خان - Kedarnath 

فىلىم Kedarnath سارا ئەلى خاننىڭ تۇنجى فىلىمى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللىقاچان بۇ يىلدىكى كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان فىلىملەرنىڭ بىرسىگە ئايلاندى. سارا ئەلى خان بۇ فىلىمدە سۇشانت سىڭ راجپۇت بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. 

ئاكشاي كۇمار ۋە موۋنى روي -ئالتۇن 

تېلېۋىزىيە ساھەسىدە يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن موۋنى روي بوللىۋودقا ئاتلاندى. ئۇ فىلىم «ئالتۇن»دا ئاكشاي كۇمار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. 

ئالىيە بات ۋە ۋىكى كائۇشال-Raazi

ئالىيە بات ھازىر ساھەدىكى ئەڭ داڭدار شەخىسلەرنىڭ بىرى. ۋىكى بارغانسېرى ئۆزىنى نامايان قىلماقتا. بۇ ئىككەيلەن رول ئالىدىغان فىلىم Raaziدە پاكسىتانلىق ھەربىيگە ياتلىق بولغان جاسۇسنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن. 

رانۋېر سىڭ ۋە ئالىيە بات - Gully Boy

رانۋېر ۋە ئالىيە ئىلگىرى بىرقانچە قېتىم ئېلاندا ھەمكارلاشقان. زويا ئەختەر رېژىسسورلۇق قىلىدىغان بۇ فىلىمدە رانۋېر ۋە ئالىيە تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاللىقاچان يۇقىرى دىققەت قوزغىدى.

 

ئاشۋرارىيا راي باچچان ۋە راجكۇمار راۋ -فەننى خان 

ئاشۋارىيا راي باچچان ۋە راجكۇمار راۋ ھەمكارلىشىدىغان مۇزىكىلىق كومېدىيە «فەننى خان» 6-ئايدا قويۇلىدۇ. 

جانۋى كاپور ۋە ئىشان خاتېر - Dhadak

Dhadak بولسا 2016-يىلىدىكى داڭلىق ماراتى تىلىدىكى فىلىم Sairatنىڭ ھىندى تىلى نۇسخىسى. بۇ فىلىم بوللىۋود گىگانت چولپىنى سرىدېۋىنىڭ قىزى جانۋى كاپورنىڭ تۇنجى فىلىمى. جانۋى بۇ فىلىمدە شاھىد كاپورنىڭ ئىنىسى ئىشان خاتېر بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. 

پرابخاس ۋە شىرىدھا كاپور  - Saaho 

پرابخاس «باخۇبالى» فىلىملىرىدە رول ئالغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ھىندىستاندىكى ئەڭ داڭلىق شەخسىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. Saaho بولسا ھىندى، تامىل ۋە تېلېگۇ تىلىدا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. بۇ فىلىمدە پرابخاس بوللىۋودتىكى ياش چولپان شىرىدھا كاپور بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. فىلىم 4-ئاينىڭ 20-كۈنى قويۇلىدۇ. 

رانبىر كاپور ۋە دىيا مىرزا-سانجۇ 

شەك - شۈبھىسىزكى، «سانجۇ» بۇ يىلدىكى كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغان فىلىملەرنىڭ بىرى، بۇ فىلىمدە بوللىۋود چولپىنى سانجاي دۇتنىڭ ھاياتى سۆزلەنگەن، فىلىم كۆپ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاخىرى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇلۇشقا توختىتىلدى. فىلىمدە رانبىر كاپور سانجاي دۇتنىڭ رولىنى، دىيا مىرزا سانجاي دۇتنىڭ ئايالى مانايا دۇتنىڭ رولىنى ئالىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • injinir2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاكشاي ئەڭ كېلىشكەن ئەڭ تالانتلىق تۇرۇپ نەدە بىر سەت قىزلا بىلەن ھەمكارلىشىپتۇ ھەيييييي ئانام دەيتتى بالام كېلىشكەن ئادەمگە سەت خوتۇن ئۇچرايدۇ دەپ راس دەپتىكەن

  • ئۈمۈت2 ھەپتە ئىلگىرى

    قارغاندا ئاشۋارىيانى يەنە بىر قېتىم تەنناز ھالەتتە ،ئېكران يۈزىدە كۆرىدىكەنمىز، خۇددىي دىلغا چۇشتى مۇشكۈل فىلىمدىكى ھالىتىدىكىدەك ،،

  • ئايپەرى2 ھەپتە ئىلگىرى

    پىرابخاس بىلەن شىردھا ھەمكارلاشسا ياخشى بولغىدەك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号