باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ يانفون قېپى ياساش شىركەتلىرى ئالمىنىڭ زاكاز تالونىنى تالىشىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 23:51 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

DigiTimes تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل تەيۋەن رايونىدىكى كەيشېڭ شىركىتى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى رۇيشېڭ تېخنىكا شىركىتى ۋە سىنگاپوردىكى Hi-P ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېتال يانفون قېپى ياساش شىركەتلىرى ئالمىنىڭ زاكاز تالونلىرىنى تالىشىدىغان رىقابەتچىلەر سېپىگە قوشۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەيشېڭ شىركىتى نۆۋەتتە ئالما شىركىتىنىڭ MacBook مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى قېپى، iPhone نىڭ ئاۋاز كۇنۇپكىسى ۋە مەنبە كۇنۇپكىسىنى تەمىنلەش شىركىتى بولۇپ، بۇ يىلقى نىشانى بولسا iPhone نىڭ سىرتقى قېپىنى تەمىنلەش شىركىتىگە ئايلىنىش ئىكەن. ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ دىيىشىچە، Hi-P شىركىتى ئاساسلىقى ئالما شىركىتىنىڭ تۆۋەن سەپلىمىلىك iPhone لىرىنى سۇلياۋ سىرتقى قاپ بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان زاكاز تالونىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ شىركەت نۆۋەتتە iPhone نىڭ مېتال سىرتقى قېپىنىڭ زاكاز تالونىغا ئېرىشىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە مېتال قاپ مودىلىنى ئالما شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللاپ بەرگەن. رۇيشېڭ تېخنىكا شىركىتى ئالمىنى ئاۋاز زاپچاسلىرى، سېزىمچان ماتور ۋە سۇلياۋ كامېرا بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ مېتال سىرتقى قېپىنى تەمىنلەش ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا مېتال قاپ مودېلىنى تەكشۈرۈشكە يوللاپ بەرگەن.

ئالما شىركىتى مال بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى كونترول قىلىشقا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق، ئالما شىركىتىنىڭ زاكاز تالونى ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقتىن ئالمىنىڭ بۇ چوڭ كېمىسىگە چىقالىغان ھەر قانداق بىر زاپچاس بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. ئەمما ئالمىنىڭ تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئالمىنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. خەۋەرلەردە دېيىشىچە 2017-يىلى پەقەت iPhone مەھسۇلات لىنىيەسىلا 201 مال بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەيۋەندىكى مال بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرى تۆت ئۈلۈشنى ئىگىلىگەن، بىراق تېخنىكىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مال بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号