باش بەت

del103

4196يوللانما
39مەستانە

20 نۇقتىدىن 2017-يىلىدىكى ئەقلىيفونلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە نەزەر

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-04 09:20 0 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017-يىلى ئاخىرلىشىپ، خىلمۇ-خىل خۇلاسە دوكلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. GSMArena تورى يېقىندا 2017-يىلىدىكى ئەقلىيفونلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى خۇلاسىلەپ، 2016-يىلىدىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغان. ئۇنداقتا 2017-يىلى ئەقلىيفونلاردا زادى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟

ئالدى بىلەن، 2017-يىلى يانفونلارنىڭ رازمېرى 2016-يىلىدىكىدىن تېخىمۇ نېپىزلەشكەن، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى پەقەت 7.73mm بولۇپ، 2016-يىلىدىكىدىن 0.18mm نېپىز، ئەمما ئېكرانى ئومۇميۈزلۈك چوڭايتىلغانلىقتىن، ئېگىزلىك ۋە كەڭلىكىدە ئۆزگىرىش بولغان. ياخشى يېرى، ئېكران رامكىسى تېخىمۇ تارلىشىپ، قولغا تېخىمۇ ياخشى چۈشىدىغان ھالەتكە كەلگەن.

ئېكران چوڭلۇقى ئوتتۇرىچە 5.28 دىيۇمدىن 5.57 دىيۇمغا يەتكەن، 6.0 دىيۇملۇق ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ئېكران سەپلەنگەن يانفونلار بارغانسېرى كۆپەيگەن؛ئېكران پەرق ئېتىشچانلىقى 2560×1440 ياكى 2160×1080 پىكسېلغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، پىكسېل زىچلىقى %6 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

يانفون ئېغىرلىقى ئوتتۇرىچە ھېسابتا 161 گىرامغا يەتكەن بولۇپ، 2016-يىلىدىكىدىن %8 ئاشقان.

يانفون قېپىنىڭ ماتېرىيالىغا كەلسەك، مېتال ۋە فارفور ماتېرىيالنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %92كە يەتكەن، سۇلياۋ پەقەت %8نى ئىگىلىگەن. ئەمما ئەينەكنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشقان.

IP68 دەرىجىسىدىكى سۇ، چاڭ-توزاندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىلىپ، %18 يانفونغا ئومۇملاشقان.

ئاساسىي ئېقىمدىكى يانفونلاردا بارماق ئىزى سېنزورى يانفوننىڭ ئارقىسىغا يۆتكەلگەن، بۇنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن مودا بولغان پۈتۈن ئېكران «تېرىغان بالا»، ئۇنىڭدىن باشقا، بارماق ئىزى سېنزورىنى يانفون يان تەرىپىگە ئورنىتىش ئاساسىي جەھەتتىن يوقالغان.

USB Type-C ئۇلىنىش ئېغىزىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %24تىن %42كە ئاشقان.

3.5mmلىك تىڭشىغۇچ ئېغىزىنى بىكار قىلىش يېڭى يۈزلىنىشكە ئايلىنىپ، %16 يانفون بۇ يېڭىلىقنى قوبۇل قىلغان.

CPU ئىقتىدارى بىر يىلدا %33 ئاشۇرۇلغان، GPU ئىقتىدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %35كە يەتكەن بولۇپ، CPU بىلەن GPU ئاساسىي جەھەتتە ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلغان.

ئاساسىي ئېقىمدىكى يانفونلارنىڭ ساقلاش بوشلۇقى 64GBدىن 128GBغا ئاشۇرۇلغان، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى 3GBدىن 4GBغا يەتكەن.

4G تورىنىڭ سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلەشكەن، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا تەخمىنەن %70 تېزلىشىپ، تور سۈرئىتى 488Gbpsكە يەتكەن.

باتارېيە سىغىمچانلىقى ئانچە كۆپ ئاشمىغان، ئوتتۇرىچە قىممىتى 3300mAh ئەتراپىدا بولغان. ئەمما يانفون قاتتىق دېتال سەپلىمىسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى، ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يانفونلارنىڭ ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى سەل قىسقارغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يانفون ئىقتىدارىدىكى بىردىنبىر كەينىگە چېكىنگەن ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ، باتارېيە تېخنىكىسىدا يېقىن كەلگۈسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كېلىشى ناتايىن، شۇڭا بۇ ئادەمنى ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بىر مەسىلە.

تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %52تىن %58كە يەتكەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتىنى ئانچە يۇقىرى دېگىلى بولمايدۇ.

سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %6تىن %16كە يەتكەن.

يانفون ئارقا كامېراسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغان، ئەمما ئالدى كامېرانىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 10 مىليون پىكسېل دەرىجىسىدىن ھالقىغان.

قوش كامېرالىق يانفونلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۈچتىن بىر نىسبەتنى ئىگىلىدى.

OIS ئوپتىكىلىق تەۋرىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشقان، ئومۇملىشىش نىسبىتى 1/3 گە يەتكەن.

40% يانفون 4K ئېنىقلىقىدا سىنغا ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان.

ئىستېرېئولۇق ياڭراتقۇنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %20كە يەتكەن.

ئەڭ ئاخىرقىسى باھا ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئوتتۇرىچە باھا 314 ياۋرو (تەخمىنەن 2454 يۈەن) دىن 408 ياۋرو (تەخمىنەن  3190 يۈەن) غا يەتكەن، ئېشىش نىسبىتى %30 كە يەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号