باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

سامسۇڭ ئېھتىيات قىلىشى كېرەك: ياپونىيە JOLED شىركىتى ئۈچ چوڭ شىركەتنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-04 12:38 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 4-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

iPhone X بولمىغان تەقدىردىمۇ، كىچىك رازمېرلىق ئېكراننىڭ LCDدىن OLEDغا ئۆتۈشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، iPhone X پەقەت بۇ مۇساپىنى تېزلەتتى خالاس. نۆۋەتتە سامسۇڭ ئېكرانى كىچىك رازمېرلىق OLED ئېكراننىڭ %93لىك بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، بۇ ھەم ئالمىنىڭ سامسۇڭنىڭ OLED ئېكرانىنى ئىشلىتىشنى «خالىمىسىمۇ شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى»نىڭ سەۋەبى. 

OLEDنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى كەڭرى

ئالما ئىزچىل تۈردە سامسۇڭدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ كەلدى، ئەمما سۈپەت تەلىپى بەكلا يۇقىرى بولغاچقا، يەنىلا سامسۇڭنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى. شۇڭا ئالما LG Display، BOE، JOLEDلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كىچىك رازمېرلىق OLED ئېكراننى بالدۇرراق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشىنى ھەمدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى، بۇ ئارقىلىق سامسۇڭنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى باشقا ھەرقانداق ئادەمدىن بەكرەك ئۈمىد قىلىدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، iPhone Xكە سەپلەنگەن بىر تال OLED ئېكراننىڭ باھاسى 150 دوللار ئەتراپىدا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، iPhone X قانچە كۆپ سېتىلسا سامسۇڭ شۇنچە كۆپ پۇل تاپىدۇ، مانا بۇ مونوپۇللۇقنىڭ ئەۋزەل تەرىپى. 

ياپونىيە DENSO شىركىتى JOLED شىركىتىگە 440 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى

ياپونىيەت ئىجادىيەت تورى، JDI، پاناسونىك، سونىيلار بىرلىشىپ قۇرغان JOLED ئىتتىپاقداش شىركىتى ئاساسلىقى كىچىك رازمېرلىق OLED ئېكران تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت بولۇپ، ناھايىتى زور تىرىشچانلىق بىلەن iPhone OLED ئېكرانىنىڭ تەمىنلىگۈچىسى بولۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەت يېقىندا ياپونىيە DENSO شىركىتىنىڭ 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغىگە ئېرىشكەن، پاناسونىك ۋە سونىي ئايرىم-ئايرىم 390~780 مىليون دوللار مەبلەغ كىرگۈزگەن. 

ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ تەتقىقات ئەمەلىي كۈچىگە گەپ كەتمەيدۇ، JOLED مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، ماتېرىيال كارخانىسى ۋە ئۈسكۈنە كارخانىلىرى بىلەن ئاكتىپ سۆھبەتلىشىشكە باشلىدى، قارىغاندا بىر چوڭ ئىش قىلىشنى پىلانلىغاندەك قىلىدۇ. تېخىكا ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، JOLED يەنىلا كۈچلۈك ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ. 

سامسۇڭنىڭ كىچىك رازمېرلىق OLED ئېكرانى بازارنى «مونوپول» قىلدى

سامسۇڭ ئەڭ بۇرۇن كىچىك رازمېرلىق OLED ئېكرانىنى بازارغا كىرگۈزگەن، بۈگۈنكى كۈندە «زور غەلىبىگە ئېرىشتى» دېيىشكە بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە رىقابەتچىسى يوق دېيەرلىك. ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى رىقابەتچىلىرىدىن JOLEDدىن باشقا، يەنە LG Display ۋە BOEلار بار، شۇڭا قىلچە بىخەستىلىك قىلىشقىمۇ بولمايدۇ، بىزمۇ كىچىك رازمېرلىق OLED ئېكراننىڭ بۇ كارخانىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا بالدۇرراق ئومۇملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداق بولغاندىلا بىز ئاندىن كۆزنى بىئارام قىلىدىغان LCD ئېكراندىن قۇتۇلالايمىز. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 阿不拉江1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر نەچچە يىلدا تەسىر كۆرستەممەيدۇ ھەم رەقىپ بۇلاممايدۇ بەش يىلدىن كىيىن يىتىپ قالار بەلكىم ئۇنۇڭغچە سامسۇڭ تەرەققى قىمماي ساقلاپ تۇرسا تەڭلىشىپ قالار بىر ماتىرىيال دىن كۇرشۇمچە سامسۇڭ ئېكران ياساشتاباشقا شىركەتلەردىن ئالتە يىل ئالدىدا ئىكەن

  • تۇخۇم پوشكلې2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالما سەمسۇڭ نې تاشلۋەتسە ئېغر زېيان بۇلدۇ دە سەمسوڭغا

  • 微笑的死神2 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر سامسۇڭغا نەچچىسى بىرلىشىپ تاقانىل تۇرماقچىكەندە خىخىى ، غەيرەت قىل سامسۇڭ ...

  • مەستانە2 ھەپتە ئىلگىرى

    مانا ئەمدى سامسۇڭنىڭ پاي باھاسى تۆۋەنلەيدىغان بولدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号