باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

خۇاۋېينىڭ ئۈچ كامېرا سەپلەنگەن P20 يانفونىنىڭ ئۇقۇم سۈرىتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-04 19:20 14 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 4-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندىن بۇيان چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خۇاۋېينىڭ يېڭى يانفونىنىڭ ھەر خىل ئۇقۇم سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفونغا نام بېرىش پرىنسىپى بويىچە كۆپچىلىك تەبىئىي ھالدا خۇاۋېينىڭ كېيىنكى ئەۋلاد P يۈرۈشلۈكىدىكى يانفون چوقۇم خۇاۋېي P11 يانفونى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئەمما يېقىندا مەلۇم بىر چەتئەل تاراتقۇسى خۇاۋېينىڭ يېڭى مەھسۇلاتىنىڭ بىر يۈرۈش ئۇقۇم سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان، بۇ بىر يۈرۈش ئۇقۇم سۈرەتلىرىدە بۇ يانفونغا خۇاۋېي P20 يانفونى دەپ نام بېرىلگەن. بۇ يانفوندا كۇنۇپكا ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا، كەينى تەرىپىگە يەنە لېيكانىڭ ئۈچ كامېراسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تۆۋەندە بۇ ئۇقۇم سۈرەتلىرىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئۇقۇم سۈرىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇاۋېينىڭ P20 يانفونىغا پۈتۈن ئېكران لايىھىسى قوللىنىلمىغان، يانفوننىڭ ئالدى يۈزى قىسمىدا ئۈستۈنكى رامكا ۋە ئاستىنقى رامكا ساقلاپ قېلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېكراننىڭ ئىككى يان تەرىپى ئازراق ئەگمە شەكىلدە لايىھىلەنگەن. ئېكرانىغا بولسا ئېنىقلىق دەرىجىسى 4K بولغان 5.7 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن.

خۇاۋېي P20 يانفونىنىڭ ئالدى يۈزىگە 5X ئوپتىكىلىق فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارىنى قوللايدىغان، 24 مىليون پىكسېللىق يەككە كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ كامېرانى لېيكا شىركىتى تەمىنلىگەن بولۇپ، 1440Pلىق سىنغا ئېلىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.

ئۇقۇم لايىھە سۈرىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇاۋېي P20 يانفونىنىڭ گەۋدىسىگە ئەينەك ئىشلىتىلگەن، نۆۋەتتە خۇاۋېينىڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلىرىمۇ سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسىنى قوللىمايدۇ. شۇڭا خۇاۋېينىڭ بايراق دەرىجىلىك P20 يانفونى بەلكىم سىمسىز زەرەتلەش تېخنىكىسىنى قوللىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىمسىز تېز زەرەتلەش تېخنىكىسىنى قوللىشى مۇمكىن.

خۇاۋېي P20 يانفونىنىڭ ئالدى يۈزىگە بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ كۇنۇپكا يەنە تىزىملىككە قايتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، بۇ كۇنۇپكىنى بىر قېتىم چەككەندە باش تىزىملىككە قايتىدۇ، ئىككى قېتىم چەككەندە بولسا ئالدىنقى بەتكە قايتىدۇ.

P20 يانفوننىڭ كەينى تەرىپىگە بولسا لېيكانىڭ ئۈچ كامېراسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خۇاۋېي يانفونلىرىنىڭ سۈرەت تارتىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن چوڭ بىر ئىلگىرلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كامېرا گۇرۇپپىسى 12X ئوپتىكىلىق فوكۇس توغرىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۈنۈملۈك پىكسېلى 75 مىليونغا يېتىدۇ.

بىر تەرەپ قىلغۇچ جەھەتتە خۇاۋېينىڭ كېيىنكى ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچى نام بېرىش پرىنسىپى بويىچە بولغاندا چوقۇم چىلىن 980 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ بولىدۇ، شۇڭا كېيىنكى ئەۋلاد خۇاۋېي P20 يانفونىغا بەلكىم چىلىن 920 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 8GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 128GBلىق ئاساسىي سىغىم بوشلۇقى سەپلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.

خۇاۋېي P20 يانفونىنىڭ سىرتقى لايىھەسى تەلىپىڭىزگە ماس كېلەرمۇ، سىزنىڭچە بۇ يانفوننىڭ سېتىلىش باھاسى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولار، ئەگەر خۇاۋېي P20 يانفونى راستىنلا بازارغا سېلىنسا سىز سېتىۋالامسىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەبرار3 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدىكى مەسىلە مۇشۇ تېلفۇن قاچان چىقىدۇ ،پۇلىسى مۇۋاپىقمىدۇ دىگەن گەپ بار مىيەدە ، مەنمغۇ خۇاۋېي p11 ياكى p20 ئالىمەن دەپ ئىشتەي ساقلىغىلى نىكەم ، شۇڭىمۇ huawei nova 2s ئالماي تۇرۋاتىمەن . ماۋۇ تېلفۇنلار تېزراق چىقسا بۇلاتتى .

  • ئەپسۇن3 ئاي ئىلگىرى

    ئارقا كامىراسى قاملاشماپتۇ

  • سامسۇڭ ھەۋاسكارى3 ئاي ئىلگىرى

    مەن يەنىلا سامسۇڭ نوتې 9 ئالاي جىما

  • سۆيگۇ بۇلاڭچىسى3 ئاي ئىلگىرى

    ئەستەغپۇرلا بۇ كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە كىيىن تۆت بەش كامىرالىق ھەتتا تىلفۇننىڭ كەينى پۇتۇنلەي كامىرا بىلەن توشۇپ كىتەرمۇ.

  • خۇاۋىي3 ئاي ئىلگىرى

    4000 ئەتراپىدا بولسا مەن ئالىمەن،بۇ يانفۇنغا ئىشتەي ساقلىغىلى ئۇزۇن بولدى ئەمەسمۇ،5000 بولسىمۇ ئالىمەن،

  • «تاشقى پىلانىت ئادىمى »3 ئاي ئىلگىرى

    10000دىن 150000مىڭغىچە بولسا ئالىمە 75مىليۇن پىكسىل دىگەن ئادەتتىكى گەپ ئەمەس جۇمۇ

  • ئاتامان3 ئاي ئىلگىرى

    3999 چىقسا مان چوقۇم سىتىۋالاتتىم ئۇنەڭدىن يۇقرى بولسا قايتا ئويلاشساق بولىدۇ

  • ParisHan3 ئاي ئىلگىرى

    بولسا ۋىديونىڭمۇ ئارقا مەنزىرنى غۇۋالاشتۇرۇش تېخىنىكىسى قوللانغان بولسا ياخشى بۇلاتتى

  • sawr3 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق كىتىۋەرسە 10 يىلغا قالماي تىلفۇننىڭ كەينى كامىرا بىلەن توشۇپ كىتەمدۇ نىمە

  • دانا3 ئاي ئىلگىرى

    قىممەت بولمىسىلا سېتىۋالساق بولغىدەك 3000كويدىن ئېشىپ كەتمىسىلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号