باش بەت

جۈرئەت 358

743يوللانما
11مەستانە

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ياللانما خادىملىرىدا يۇقىرى مائاش ئالىدىغان خىزمەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-04 19:31 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى 4-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى «ھېسابات ئاشكارىلاش» تەشكىلاتىنىڭ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ياللانما خادىملارنىڭ كىرىمى توغرىسىدا ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، يۇقىرى مائاش ئالغۇچىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، ھازىر يىللىق مائاشى ئىشتات باشلىقىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئادەتتىكى مەمۇرلار 30 مىڭغا بارىدىكەن.

فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قانىلىنىڭ 2-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، «ھېسابات ئاشكارىلاش تەشكىلاتى»نىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالتە خانىلىق مائاش ئېلىپ ئىشلەيدىغان ياللانما خادىمى جەمئىي 406 مىڭ 960 بولۇپ، بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى ئىگەللەيدىكەن.

2010-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى مائاش ئالىدىغان ياللانما خىزمەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيگەن. يىللىق كىرىمى 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى يۇقىرى كىشىلەر %165 ئاشقان. 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىلار %60 ئاشقان. 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مائاش ئالىدىغانلار %37 ئاشقان.

«سايلام ۋىكىپېدىيە» تورىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقىنىڭ يىللىق مائاشى 190 مىڭ 800 ئامېرىكا دوللار بولۇپ، 50 ئىشتات باشلىقى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. مېئانې ئىشتاتى ئىشتات باشلىقى يىللىق مائاشى 70 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا قالغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 30 مىڭغا يېقىن ئادەتتىكى فېدېراتسىيە ياللانما خادىمىنىڭ كىرىمى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقىنىڭ كىرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن.

فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئاشكارىلىغان خىزمەتچىلەرنىڭ بارلىق سانى بويىچە ھېسابلىغاندا، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئىش ھەققى ئۈچۈن مىنۇتىغا بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىدىكەن، ھەر كۈنى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىدىكەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ياللانما ئىشچىلىرىنىڭ مائاشى ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە پاراۋانلىقىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ھەر يىلى 10 كۈن فېدېراتسىيە دەم ئېلىش كۈنى، ئوتتۇرىچە 13 كۈن كېسەل رۇخسىتى ۋە 20 كۈن يىللىق دەم ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号