باش بەت

ئايقىز0

15يوللانما
8مەستانە

يۈز مىڭ يۈەن تويلۇق بىر كېچىدە ئوغرىلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-04 23:50 0 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دېھقانلار كالېندارىدا يىل ئاخىرى ئادەتتە ئوغرىلىق دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل.

تۈنۈگۈن سىمىڭ ساقچىلىرى بىر ئوغرىلىق دېلوسىنى تاپشۇرۋالدى،

بۇ قېتىم ئوغرىلانغىنى ئادەتتىكى نەرسە ئەمەس، بەلكى ياستۇق ئاستىغا قويۇپ قويۇلغان 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تويلۇق ئىدى، بۇ ئۆيدىكىلەر ئىككىنچى كۈنىلا كېلىن كۆچۈرگىلى بارىدىغان بولۇپ، تويلۇقنىڭ بىر كېچىدىلا غايىب بولغانلىقىدىن كۈيئوغۇل بىلەن ئۆيدىكىلەر تىت-تىت بولۇپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.

ساقچىلار ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەخسۇس كونا شەھەر رايونىنى تاللاپ ئوغرىلىق قىلىدىغان گۇماندارنى بايقىدى، بۇ ئوغرى ھەر قېتىم ئوغرىلىق قىلغاندا يالغان چاچ كىيىۋالىدىكەن، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىكەن...

ۋاڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى)نىڭ ئۆيى داتىيې كوچىسىدا بولۇپ 2017-يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، ئۆيىدىكىلەر ۋاڭ ئەپەندىنىڭ تويى ئۈچۈن 70 مىڭ يۈەن پۇل ۋە قىممىتى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تەييارلاپ، ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە تويلۇق قۇتىغا سېلىپ 2-قەۋەت ھۇجرىدىكى كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويغان ئىدى، ھەممە تەييارلىق پۈتۈپ ۋاڭ ئەپەندى شۇ ھۇجرىدا ئۇخلاپ قالغان.

ئەتىسى سەھەر سائەت بەشلەر ئەتراپىدا، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ دادىسى تاماكا چېكىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، ئۇ تاماكا بىلەن چاقماقنى تاپالماي بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈشىگە ئوچۇق تۇرغان ئىشىككە كۆزى چۈشتى، غەلىتە ئىش، تاقاپ قويۇلغان ئىشىك قانداقسىگە ئېچىلىپ كەتكەندۇ؟ ئۇ تاماكا ئىزدەشنى قويۇپ دەرھال 2-قەۋەتكە چىقىپ ۋاڭ ئەپەندىنى  ئويغاتتى.

ۋاڭ ئەپەندى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا قارىۋىدى ھېچنىمە يوق، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاندىن ئۆيگە ئوغرى كىرگەنلىكىنى ھېس قىلدى، 100 نەچچە مىڭ يۈەنلىك تويلۇق ئوغرىلانغانىدى.

قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىدىغاندا تويلۇقنىڭ غايىب بولۇشى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى، ئەھۋالنى قىز تەرەپكە قانداق چۈشۈندۈرۈشنى بىلمەي تىت-تىت بولغىنىدىن ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئاپىسى شۇ يەردىلا يىغلاپ تاشلىدى.

ۋاڭ ئەپەندى بىلەن دادىسى دەرھال ئەل-ئاغىنە، تۇغقانلىرىدىن پۇل سوراشقا ماڭدى، ئاپىسى ئۆزىنىڭ ئالتۇن ئۈزۈكىنى زەرگەرخانىغا ئاپىرىپ بىر نەچچە يېڭى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتكە ئالماشتۇردى، بىر ھازا ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن قىزنى يۆتكەپ كېلىشكە ماڭدى ھەم ساقچىغا مەلۇم قىلدى.

سىمىڭ جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى دېلونى تاپشۇرۋېلىپ دەرھال نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈردى، بىراق ئازراق قىينىچىلىققا دۇچ كەلدى. ئەسلىدە داتىيې كوچىسى كونا شەھەر رايوندا بولۇپ، بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرى ئاجىز، ئادەم كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى تىجارەتچىلەر سەھەر سائەت ئىككىدىن ئاشقاندىلا تىجارەتنى باشلايدىغان بولۇپ گۇماندارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە قىيىنلىق تۇغدۇراتتى.

بىراق ساقچىلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېلو سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۆيگە يامىشىپ چىقىپ ئوغرىلىق قىلىشىنىڭ ئىلگىرىكى بىر قانچە قېتىمىلق دېلودىكى ئۇسۇل بىلەن ئوخشاشلىقىنى بايقاپ بۇنى جەزمەن ئوخشاش بىر كىشى پەيدا قىلغان دەپ گۇمانلاندى. ئالدىنقى يىلى 12-ئايىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەش ئەتراپىدا، ۋېيزىنېيگاڭدىمۇ ئوغرىلىق دېلوسى يۈز بېرىپ ئوغرى ئۆي ئىگىسىنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆيگە كىرىپ 3 تال خاتىرە كومپىيوتېرنى ئولجا ئالغان.

ساقچىلار كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن بىر گۇمانلىق ئەرنى بايقىدى، ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ئىلگىرى دېلو سادىر قىلىپ قولغا ئېلىنغان شىيې xx كە ئىنتايىن ئوخشايىتتى، بىراق ھازىرقى شىيې xx تاقىر باش بولۇپ كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى ئەرنىڭ چاچلىرى بولسا قويۇق ئىدى، ئەجىبا بۇ ئىككىسى بىر ئادەممىدۇ؟

مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ساقىچىلار گۇماندارنى شىيې xx دەپ ھۆكۈم قىلدى ۋە ئۇنى قولغا ئالدى. شىيې xx جىنايىتىنى تاپشۇرۇپ ئۆزىنىڭ توردا قىمار ئويناشقا خۇمار بولۇپ نۇرغۇن قەرىزگە بوغۇلغاچقا كونا ھۆنىرىنى باشلاپ ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى، تاقىر باش بولغاچقا ئاسان بايقىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ يالغان چاچ كىيىۋالغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇ تۆت ئايدىن بۇيان 12 قېتىم دېلو تۇغدۇرغان، دېلوغا چېتىشلىق پۇل سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

ئەمما كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى ئۇ تويلۇقنى ئوغرىلىغان كۈنى كەچتىلا 70 مىڭ يۈەن پۇلىنى قىماردا ئۇتتۇرۋەتكەنىدى!

ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە شىيې xx جاڭجۇلۇق بولۇپ تىجارەت قىلىدىغان ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ شىيامىندا ئىشلەمچىلىك قىلىدىكەن، ئۇنىڭ توردا قىمار ئوينايدىغان يامان ئادىتى بولۇپ ھەر كۈنى قىمار ئويناپ نەچچە ئونمىڭ يۈەننى ئۇتتۇرۇپ نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغان، ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلى قەرزنى قايتۇرۇشقا دال بولالمىغاچقا ئوغرىلىق قىلىپ قىمار دەسمايىسىنى توپلىغان ھەم ئىلگىرى سىمىڭ ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن.

شىيېxx تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىر قىسىم قىمار قەرزىنى قايتۇرغان بولسىمۇ ئۇ توردا قىمار ئوينايدىغان ئادىتىنى تاشلىمىغان.

ساقچىلار شىيېxxنىڭ 2017-يىل 9-ئايدىن باشلاپ بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولغان تۇچىياڭ يولى، سەيما كوچىسى، بەخىت يولى قاتارلىق كونا شەھەر رايونىنى تاللاپ ئوغۇرلۇقچە كىرىش، يامىشىپ كىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. 2017-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە ئۇ ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىكى تويلۇقىنى ئوغرىلاپ شۇ كۈنى كەچتىلا 70 مىڭ يۈەن  پۇلىنى ئۇتتۇرۋەتكەن.

نۆۋەتتە شىيېxx جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.

ساقچىلار شىيېxxنىڭ ئۈچ ئاي ئىچىدە 12 قېتىم دېلو سادىر قىلغانلىقى، دېلوغا چېتىشلىق پۇل سوممىسىنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولۇپ مەخسۇس كونا شەھەر رايونىدىكى ئۆيلەرنى تاللاپ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىدى.

يىل ئاخىرى بولۇپ قالدى، كۆپچىلىك ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ ئوغرىلاردىن پەخەس بولايلى!

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号