بېتا تورى 5-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2017-يىلى ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى iPhoneلارنىڭ ھەممىسى تۇنجى قېتىم سىمسىز توك قاچىلاشنى قوللايدىغان قىلىنغان، iPhone X بىلەن iPhone 8 يۈرۈشلۈك يانفونلىرىنىڭ ھەممىسى 5W ۋە 7.5Wلىق سىمسىز توك قاچىلاشنى قوللايدۇ، گەرچە سىمسىز توك قاچىلاش ئىنتايىن قولاي بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى سىناقتا كۆرسىتىلىشىچە iPhone Xنىڭ سىمسىز توك قاچىلاش سۈرئىتى سىملىك توك قاچىلاش سۈرئىتىدىنمۇ ئاستا ئىكەن. بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى باتارېيە سىنىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، سىمسىز تېز توك قاچىلاش سىنىقىدا 7.5Wلىق سىمسىز تېز توك قاچىلاش تۈرىدە iPhone 8 يۈرۈشلۈك يانفونىنىڭ سىمسىز توك قاچىلاش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشقان، ئەمما iPhone Xكە بولغان ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغان.
ئالدى بىلەن Tom Guide تور بېكىتى iPhone Xنى ئىشلىتىپ توك قاچىلاش سۈرئىتى سىنىقىنى سېلىشتۇرۇپ كۆردى، تۆت خىل توك قاچىلاش تۈرىدە ئايرىم-ئايرىم 7.5wلىك تېز توك قاچىلايدىغان سىمسىز توك قاچىلىغۇچ (Mophie سىمسىز توك قاچىلاش چېتىلغۇسى)، 5Wلىك Qi ئۆلچەملىك سىمسىز توك قاچىلىغۇچى، ئەسلى زاۋۇتنىڭ Lightning چېتىلغۇ ئېغىزلىق سىمسىز توك قاچىلىغۇچى، USB-C سىملىق تېز توك قاچىلىغۇچى ئىشلىتىلگەن. نەتىجىدە 7.5wلىك سىمسىز توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ سۈرئىتى ئۆلچەملىك 5Wلىك Qi سىمسىز توك قاچىلىغۇچىدىن تېز بولغان، سىمسىز توك قاچىلاش سۈرئىتى سىملىك توك قاچىلاش سۈرئىتىدىن ئاستا بولغان، USB-C تېز توك قاچىلاش تۈرى (USB-Cنى Lightning چاتقۇچ ئارقىلىق ئۇلاش) توك قاچىلاش سۈرئىتى ئەڭ تېز تۈر بولغان.
iPhone Xنىڭ سىناق نەتىجىسى
iPhone 8 ئائىلىسىنىڭ توك قاچىلاش سىنىقى نەتىجىسى ئاساسەن يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا iPhone 8 جەمەتىنىڭ سىمسىز توك قاچىلاش سۈرئىتى iPhone Xتىن تېز بولغان، 7.5Wلىك سىمسىز تېز توك قاچىلاش تۈرىدە iPhone 8 يۈرۈشلۈك يانفونىنىڭ سىمسىز توك قاچىلاش سۈرئىتى ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. iPhone 8نىڭ ئومۇمىي باتارېيە سىغىمى iPhone Xتىن چوڭ بولۇپ، iPhone 8نىڭ سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلگەن يۈزلۈك نىسبەت نەتىجىسى پەقەت سىمسىز توك قاچىلاش ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
iPhone 8نىڭ سىناق نەتىجىسى
iPhone 8 Plusنىڭ سىناق نەتىجىسى
艾力艾沙1 ئاي ئىلگىرى
نىملا دىگەن بىلەن سىم چىتىش بىر ئاۋارچىلىقكەن يىلى تۇك ئۆتمەس بوپ قاغان يىلى سىمى ياخشى ئولانمىغان ئاشو ،