باش بەت

zevmret

288يوللانما
16مەستانە

قاتتىق قار يېغىش سەۋەبىدىن ماشىنىلار 10 نەچچە سائەت توسۇلۇپ قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-05 13:46 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

3-يانۋار چۈشتىن بۇرۇندىن باشلاپ ئەنخۇينىڭ كۆپ رايونلىرى يېڭى يىللىق تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى، شۇ يەرلىك مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش ئىستانسىسى شىۋىرغانلىق قاردىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە ئالاقە يوللىرىدا مۇز تۇتۇش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى. شىۋىرغانلىق قارنىڭ تەسىرىدە 4-يانۋاردىن 5-يانۋارغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى ئىچىدىكى 10 تال يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ قىسمەن يول بۆلىكىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرى ۋاقىتلىق تاقالدى. يوللار مۇز تۇتقانلىقتىن قىسمەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە دۆلەت يوللىرىدا چوڭ كۆلەملىك قاتناش توسۇلۇش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، 10 نەچچە سائەتكىچە ئېچىلمىدى.

3-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن 11:00 باشلاپ، ئەنخۇي فۇياڭدا قار ياغدى، 3 سائەتلىك قار چۈشۈش مىقدارى 4 مىللىمېتىرغا يېتىپ، يەر يۈزى ئاپئاق قار بىلەن پۈركەندى. چۈشتىن كېيىن 5:00تە پۈتۈن شەھەر رايونىنىڭ ھەممىسى قېلىن قار بىلەن قاپلاندى، قار چۈشۈش مىقدارى 5مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتتى. سۈرەتتە، خېئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى.

دابيېسەنگە جايلاشقان جىنئەن ناھىيىسىمۇ يېڭى يىللىق تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى، 5 سائەتلىك قار چۈشۈش مىقدارى 5 مىللىمېتىر ئەتراپىغا يەتتى. يىغىندى قار تاغ يولىدا يۈرۈشنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرىۋەتتى.

خېفېيدا 3-يانۋار چۈشتىن كېيىن قار يېغىپ، تاكى 4-يانۋار كېچىگىچە داۋاملاشتى. 4-چېسلا 20:00 گىچە ئەنخۇيدىكى قارنىڭ قېلىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان جىنسەي ۋە دىڭيۈەن ناھىيەسىدىكى قار چۈشۈش مىقدارى 40مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتتى. سۈرەتتە، نياۋكەننىڭ بوشلۇقتىن كۆرۈنۈشى.

قار يېغىش تەسىرىدە ئەنخۇيدىكى نىڭلو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، چۇشىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، جىڭتەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، خېتەي، خېشۈ، خېليۇيې قاتارلىق بىرقانچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرى ۋاقىتلىق تاقالدى. خېفېي شىنچياۋ خەلقئارالىق ئايرودرومى 4-يانۋار چۈشتە 2 سائەت ئىشلىتىلگەندىن كېيىن تاقالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

4-يانۋار كەچ 5:00 ئەتراپىدا، فوتوگراف خېئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ خېفېي يۆلىنىشىدىكى شىڭدا چىقىش ئېغىزىدىن شياۋشىچوڭ تۈگۈنىدە قار-مۇز تۈپەيلىدىن توسۇلۇپ قالغان ماشىنىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 نەچچە كىلومېتىرغا يەتكەنلىكىنى كۆردى. 5-يانۋار ئەتىگەن 7:00گىچىمۇ يوللار ئېچىلمىدى، توسۇلۇش ۋاقتى 10 نەچچە سائەتكە يەتتى.

فوتوگرافنىڭ قاتناش ساقچىلىرىدىن ئىگەللىشىچە، ماشنىلارنىڭ ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قاتناش ساقچىلىرى بۇ بۆلەك يولدا پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقىنىغا 20 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنىدى.

خېئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا سېلىشتۇرغاندا خېفېينىڭ شىمالىدىكى 206-نومۇرلۇق دۆلەت يولىدىمۇ قاتتىق ياغقان قار سەۋەبلىك قاتناش توسۇلۇش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن شوپۇرلار قارلىق سوغۇق ھاۋادا 10 نەچچە سائەتلىك سوغۇق كېچىنى ئۆتكۈزدى.

سۈرەتتە نياۋكەن خېئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قاتناش توسۇلۇش ئەھۋالىنىڭ بوشلۇقتىن كۆرۈنۈشى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چىمبۇلاق2 ھەپتە ئىلگىرى

    قاتناش ساقچىلىرىنىڭ پىداكارلىق بىلەن كۇرەش قىلغانلىقىغىمۇ ئاپىرىن، ھەم چوڭ كىچىك يۇك ماشىنسى ھەيدىگەن شوپۇرلىرغىمۇ غىمۇ ئاپىرىن ھارمىغايسىز لەر، مۇشۇ شوپۇرلارمۇ ئىسلاھات ئېچىشقا ئۇن تىنسىز توھپە قوشقۇچىلىرىمىزدىن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号