باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

SpaceX شىركىتى يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-05 15:24 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 5-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

SpaceX شىركىتىنىڭ «قارچىغا-9» ناملىق راكېتاسى ئۆتكەن يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ، قويۇپ بېرىش جەھەتتە يېڭى رېكورت ياراتتى. 2018-يىلدىكى تۇنجى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىمۇ كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى «قارچىغا-9» ناملىق راكېتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك تارماقلىرىنىڭ سىرلىق ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرلىدۇ، ئەمما سىرتقى دۇنيانىڭ بۇ ئىشتىن ھېچقانداق خەۋىرى يوق. بۇ قېتىمقى مەخپىي قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى Zuma بولۇپ، SpaceX شىركىتىنىڭ بۇ ئۈسكۈنىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تۆۋەن ئوربېتىغا قويۇپ بېرىدىغانلىقى مەلۇم، شۇڭا بۇ ئۈسكۈنە جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەنگەن. SpaceX شىركىتىنىڭ ئاغزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق چىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى تارماقلىرىنىڭ بۇ قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ھەممە ئىش ئىنتايىن سىرلىق. بەزى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ سىرلىق سۈنئىي ھەمراھ يۇقىرى دەرىجىلىك مەخپىي ئورگان ئامېرىكا دۆلەتلىك رازۋېدكا ئىدارىسىگە قارايدىكەن، ئەمما ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلغان، ئەلۋەتتە بۇ خەۋەر راست بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار يەنىلا ئىنكار قىلغان بولاتتى.

ئاساسىي جەھەتتىن جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلىدىغان سۈنىي ھەمراھنى Northrop Grumma شىركىتى ياسىغان، بۇ شىركەت دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ رادار ياساش ۋە ھەربىي پاراخوت ياساش شىركىتىدۇر، شۇڭا بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. SpaceX شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۈچۈن قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئامېرىكا رازۋېدكا ئىدارىسى ئۈچۈن سۈنىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئۈچۈن X37B سىناق ئۈسكۈنىسىنى قويۇپ بەرگەن. ئەمما ئۇ ئىككى قېتىملىق قويۇپ بېرىشتە قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار ئاشكارىلانغان، ئەمما بۇ قېتىم قويۇپ بېرىشكە دائىر ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلىنمىغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号