باش بەت

مەۋلۇدە

1988يوللانما
24مەستانە

ئەقىللىق قىز ئۆيىگە ئوغرى كىرگەندە ئاقىلانە ئۇسۇلدا يامان ئاقىۋەتتىن ساقلىنىپ قالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-05 15:17 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017-يىلى 29-دېكابىر، شۈجۇ شەھىرى چۈەنشەن رايونلۇق مەركىزى ئولتۇراق رايونىدا ئوغرىلىق دېلوسى يۈز بەردى، دېلو يۈز بەرگەندە ئۆيىدە ئون نەچچە ياشلىق بىر قىز يالغۇز ئۇخلاۋاتاتتى.

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە، بۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىز ئۆيدە يالغۇز بولۇپ، ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدا ئوغرىنىڭ ئۆيگە كىرىپ نەرسە-كېرەكلەرنى ئاختۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان، لېكىن بۇ قىز ئوغرى بىلەن قارشىلاشمىغان، ئۇ بىر قەدەر ئاقىلانە ئۇسۇلنى تاللىغان، يەنى جىممىدە تۇرۇۋېلىپ ئوغرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاپىسىغا تېلېفون قىلغان.

بۇ قىز ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرلىك ئەھۋالدىن ساقلىنىپ قالغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياڭ خانىمنىڭ ئۆيىدىن بىر دانە خاتىرە كومپيۇتېر ۋە بىر قىسىم نەق پۇل ئوغرىلانغان. خەلق ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خېنەن جېڭجۇلۇق جىنايەت گۇماندارى چۈ xx نى چۈەنشەن رايونىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىدىن تۇتقان.

.

جىنايەت گۇماندارى چۈ xx خېنەندىن شۈجۇغا كەلگەن بولۇپ، ياپراق قىستۇرۇپ قۇلۇپ ئېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم دېلو سادىر قىلغان، ھازىر چۈ xx جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.

يىل ئاخىرىدا ئوغرىلىق دېلولىرى بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىدۇ. ساقچىلار شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى: مەيلى سىرتقا چىققاندا ياكى كەچتە ئۇخلىغاندا بولسۇن، ئىشىكنى ياخشى تاقاپ ئوغرىدىن مۇداپىيەلىنىش كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号