باش بەت

جۈرئەت 358

298يوللانما
6مەستانە

ئەر-ئايال سوقۇشۇپ ئاجراشماقچى بولۇپ ئىككى ياشلىق بالىسىنى يولغا تاشلاپ قويدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-05 14:14 1 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خۇاشاڭ گېزىتىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرى، خۇايىن شەھىرىدە بىر ئوغۇل بالا بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرغان، ساقچىلار ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەسلىدە بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، ئوغلىنى تاشلاپ قويغانلىقىنى بىلگەن.

شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00 لار ئەتراپىدا، خۇايىن شەھىرى شىگۇڭ يېزىسىدىكى بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا، بىر ئوغۇل بالا يىغلاپ تۇرغان، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر چوڭ ئادەممۇ يوق ئىدى، يولدىن ئۆتۈۋاتقان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئوغۇل بالىنى بەزلىگەن شۇنداقلا ساقچىغا مەلۇم قىلغان. خۇايىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تارمىقىدىكى ساقچىلار مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. ساقچىلار نەق مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ئوغۇل بالىنى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن. ساقچىلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق، بۇ ئوغۇل بالىنىڭ بۇ يىل ئىككى ياشقا كىرگەنلىكى دادىسىنىڭ دېھقان، ئانىسىنىڭ لەنتيەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۈچەيلەننىڭ شىگۇڭ يېزىسىدا ئىجارە ئۆي ئېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن، يېقىندا بۇ ئەر-ئايال زىددىيەتلىشىپ قېلىپ ئاجراشماقچى بولغان، شۇ ئاچچىقىدا بالىنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالغانلىقىنى بىلگەن.

ئەھۋالنى بىلگەن ساقچىلار، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئالاقىلاشقان، بىراق ھەر ئىككىسى تېلېفوندا بۇ بالىنى باققىسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن، ساقچى قايتا-قايتا نەسىھەت قىلغان، لېكىن ئاخىرىدا ئىككەيلەن تېلېفونىنى ئېتىۋالغان.

شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار بالىنىڭ بوۋىسىغا تېلېفون قىلغان، بىراق بالىنىڭ بوۋىسى ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى، سالامەتلىكىنىڭمۇ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇ بالىنى باقالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ساقچىلار ئامالسىز بالىنى ئېلىپ شۇ يېزىنىڭ باشلىقىنى تېپىپ، بالىنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ بارغان، ئەمما بالىنىڭ ئۆيىدە ھېچكىم يوق بولۇپ چىققان. شۇ چاغدا كەچ سائەت 7:00 بولغان بولۇپ، يىغلاپ تۇرغان بالىغا ئىچى ئاغرىغان ساقچى بالىنىڭ ئانىسىغا قىسقا ئۇچۇر يازغان، بىر سائەتتىن كېيىن بالىنىڭ ئانىسى ساقچىغا تېلېفون قىلىپ، بالىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان، ساقچى تېلېفوندا ئۇنىڭغا خېلى كۆپ ئىدىيە خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن، بالىنىڭ ئانىسى بالىسىنى باقىدىغان بولغان، بىراق ئۆزىنىڭ ۋېينەن شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى، ئارىلىق يىراق ھەم قاتناش ۋاستىسى يوق بولغانلىقتىن، ئەتىسى بېرىپ بالىنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بالىنىڭ بىر كۈن توختىماي يىغلاپ قىينىلىپ كەتكەنلىكىنى ئويلاشقان ساقچىلار بالىنى ۋېينەندىكى بالىنىڭ ئانىسىغا ئاپىرىپ بەرگەن.

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 2:00 لەر ئەتراپىدا، ساقچىلار ئوغۇل بالىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرپ بەرگەن، شۇنداقلا بالىنىڭ ئانىسىغا تەنقىد-تەربىيە قىلغان، ئەگەر يەنە مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان، بالىنىڭ ئانىسى بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان، شۇنداقلا بالىنى ئېلىپ كەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاقسا بوي2 ھەپتە ئىلگىرى

    بالىدا نېمە گۇناھ ، ھېي ئىست دەلتىلە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号