باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

پاكىستاندىن ھىندىستانغىچە بولغان رايونلارغا ئىس-تۈتەك بەلبېغى ھۇجۇم قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-05 17:46 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 4-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندىن بۇيان ھىندىستاننىڭ ئىس-تۈتەكتىن بۇلغىنىشى ئېغىرلاشقان بولۇپ، مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى 3-يانۋاردىن باشلاپ ئۇزۇنلۇقى 2000 كىلومېتىرغا يېتىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىس-تۈتەك بەلبېغىنىڭ ھىندىستان 2-چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ بەلباغ كېسىپ ئۆتىدىغان رايونلار غەربتە پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن باشلاپ شەرقتە ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغىچە بولغان تىرىپۇرا ئىشتاتىغىچە بارىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە تۇمانلىق رايون ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ھىندىستان دۆلەلتىك سۈنئىي ھەمراسى Insat تارتقان 3D سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىس-تۈتەك بەلبېغى پاكىستان، ھىندىستان، بېنگال، نېپال قاتارلىق دۆلەتنى كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھىندىستاندا 2017-يىللىق روژدېستۋو بايرىمىدىلا ئىس-تۈتەك بولۇشقا باشلىغان. 

ئىس-تۈتەك بەلبغېى ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ماديا پىرادېش ئىشتاتى بىلەن بىخار ئىشتاتىدىن باشلانغان بولۇپ، روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدە تۆت ئەتراپقا تارالدى، 1-ئايدا غەبكە سۈرۈلۈپ پاكىستانغا يېتىپ بېرىپ بەلباغ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، قويۇق تۇمان سەۋەبىدىن ھەرقايسى رايونلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلدى.

ھىندىستان چېگرىسىدىكى 15 ئايرودروم ئېغىر دەرىجىدىكى ئىس-تۈتەكلىك ھاۋارايىغا يولۇققانلىقىنى خەۋەر قىلدى، مۇتەخەسسىسلەر نېمە ئۈچۈن بۇنداق كەڭ كۆلەملىك تۇمان بولىدىغانلىقىنڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلەلمىدى. بىراق، ھىندىستاننىڭ ھاۋاسى قىش كېلىشى بىلەنلا ناچارلىشىپ، ئاپتوموبىللاردىن چىققان كېرەكسىز گاز، شاخ-شۇمبا كۆيدۈرۈش، بىر قىسم شەھەرلەردە كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش قاتارلىقلار سەۋەبلىك بۇلغىنىپ كېتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号