باش بەت

جۈرئەت 358

743يوللانما
11مەستانە

غوجايىنىنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىغان مەست ئەر قولغا چۈشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-05 20:09 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن خەن فامىلىلىك ئەر جېڭجودىكى بىر ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا، ئاشخانا تاقالغاندىن كېيىن غوجايىننىڭ بىر قىسىم پارچە پۇللارنى ھېساۋات قىلىش سۇپىسىغا تاشلاپ قويىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن 1-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 5:30 ئۆتكەندە ئۇ مەست ھالدا ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئاشخانا ھېساۋات قىلىش سۇپىسىدىن چاقماق ئىزدىگەن، چاقماق ئىزدەش جەريانىدا 660 يۈەن نەق پۇل بىلەن بىر تېلېفون قولىغا چىققان.

ساقچىلار نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، نازارەت سىنىدىكى كۆرۈنۈشتىن، ئىزچىل ئاشخانىدا سەي توغراش خىزمىتىنى قىلغان خەن فامىلىلىكنى جىنايەت گۇماندارى دەپ بېكىتكەن.

دۇكان غوجايىنىنىڭ باشچىلىقىدا ساقچىلار خىزمەتچىلەرنىڭ ياتىقىغا چىقىپ، ياتاقتا ئوغرىلىغان پۇل ۋە تېلېفوننى ئاستىغا باستۇرۇپ ئۇخلاۋاتقان خەن فامىلىلىكنى بايقىغان.

ساقچىلارنى ئۇنى ئېلىپ ماڭىدىغان ۋاقىتتا ئۇ تېخى مەست بولۇپ، ئىشتىنىنىمۇ كىيەلمەيۋاتقان ئىدى.

ئۇنىڭ ئىشتىنىنى كىيدۈرەلمىگەن ساقچىلار، ئۇنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا ئېلىپ چىققان.

ھازىر جىنايەت گۇماندارى جېڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سوڭشەن يولى شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号