باش بەت

دىل بايان

1110يوللانما
120مەستانە

NASA مارسنىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى يوللىدى، ئەجىبا مارس ئادەملىرى راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-05 19:45 15 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى

مارس قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانېتلارنىڭ بىرى، قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئىچىدىن سىرتقا قاراپ سانىغاندىكى تۆتىنچى پىلانېت، يەر شەكلىگە ئىگە سەييارىگە پىلانېتقا تەۋە، دىئامېتىرى يەر شارىنىڭ %53گە، ھەجىمى %11گە توغرا كېلىدۇ.

مارسنى ئاساسى جەھەتتىن قۇملۇق پىلانېتى دېيىشكە بولىدۇ، يەر يۈزى قۇم بارخانلىرى، شېغىل ۋە مۇقىم بولمىغان سۇيۇقلۇقتىن تەركىب تاپقان. ئاي شارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مارسنىڭ يەر شەكلى پائالىيىتى ئانچە جانلىق ئەمەس. يەر يۈزىدىكى شەكىللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى يەر شەكلى جانلىق دەۋرىدە شەكىللەنگەن بولۇپ ناھايىتى زىچ مېتېئورىت ئازگىلى، يانار تاغ ۋە جىلغىلار بار، يەنى قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ: ئالىمپاس تېغى بىلەن ئەڭ چوڭ جىلغا ماتروس جىلغىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

NASAنىڭ ئىلگىرىكى كۆپ قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش جەريانىدا يوللىغان سۈرەت ۋە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرىدىن، بىز ئىلگىرى مارستا مول مىقداردا سۇ مەنبەسى ۋە يەر شارىدىكىگە ئوخشاش ھاۋا شارائىتىنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە يېتەرلىك ئىسپاتقا ئىگە بولالايمىز.

ئۇنىڭدىن باشقا، NASA يەنە بىر پارچە مارسنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارلىغان بولۇپ، بۇ تاشقى پىلانېت ئادەم تەتقىقاتچىلىرىنى تېخىمۇ خۇشال قىلغان. سۈرەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مارستىكى قىزىل رەڭلىك قۇم توپا خارابىسى، قولدا ياسالغان ھالەتكە ناھايىتى ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىدراكلىق ھاياتلىقنىڭ بىناكارلىق پائالىيىتى قالدۇرۇپ قويغان روشەن ئىزلار دېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ مارس ئادەملىرىنىڭ بەلكىم راستىنلا مەۋجۇد ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • the Roh2 ھەپتە ئىلگىرى

    قىرلىق تاشتىن ئىككىنى كۆرەپ ھاياجانلىنىپ كىتپتۇدە ماۋۇ ئالىملار ، مىنىڭ خۇتۇنۇمدىنمۇ ھاياجان خەقمۇ بۇ ئالىم دىگەنمۇ

  • تۇخۇم پوشكلې2 ھەپتە ئىلگىرى

    چوقوم با مەسلەن يەر شارغا تاشقې پلانت تېن چۇشتې دەىلې شمالې قوتۇپ قا چۇشۇپ قاپ يەر شاردا مۇزدن باشقا نەسە يۇقكن دەپ كەتسە تۇغرابۇمماس شۇنڭغا ئۇخشاش ھەممە يە قوم بۇلشې ناتاين يەنمۇ ئزدەش كرەك

  • يىلىقچى2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىسمىڭىزنى خاپانباش ئەمەس قاپاقباش دەپ قويسىڭىز توغرا بۇلاكەن،

  • رايلۇز2 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇنداق .ەۋەرلەرنى كۆپرەك يۇللاپ تۇرغان بۇلساڭلار. بولسا ئالەم بۇشلىقى. تاشقى پىلانىت ئادەملىرى دىگەندەكلەرنى مەمچە چۇقۇم بار بۇ تاشقى پىلارنىت ئادەملىرى

  • چالىقۇشى2 ھەپتە ئىلگىرى

    爱情不是一天故事دىگەن نۇرداش قانداق قىلاتتى ،شاققىدە يۈزىنى ئۆرۈپلا مەن دىمىگەنمىدىم زادى تاشقى پىلانت ئادەملىرى مەۋجۇت دەپ ئىنكاس يازىدۇ،بەرىبىر بۇيەردە كىمنىڭ نىمە دىگىنىنى بىرسى خاتىرلەپ يۈرمىگەندىكىن. ھى ھى ھى چاخچاق ھە. يەنە بۇيەردە ئىسپاتنى ئەكىلىپ كۆزىگە تىقسىمۇ يالغان دەپ ئىشەنمەي تۇرىۋالىدىغانلانى يوق دىگىلى بولمايدۇ. بوپتۇ،كىم نىمە دىسە دىسۇن ئاۋال ئالىملا بار يوقلىقىنى بىر ئېنىقلمىسۇنمۇ شۇچاغدا تېخىمۇ كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بارىمىز (كونۇپكا پالۋانلىرى)

  • ئەمەتجان 0072 ھەپتە ئىلگىرى

    خاپانباش بۇرادەر راستىنلا خاپانباشكەنسىز

  • kolumni tut2 ھەپتە ئىلگىرى

    كۆرۈپ باققانلار بامۇ، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار دەلىل ئىسپات تولۇق بولمىسا قالايمىقان يەكۈن چىقارماڭلارچۇ

  • 138******592 ھەپتە ئىلگىرى

    تاشقى پېلانېت تا جانلىقلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت يەر ئاستىدىمۇ قۇياش يەنە كىچىك يەر شارى مەۋجۇت بەلكىم دېڭىز ئاستىدىمۇ ئادەملەر بۇلۇشى مۇمكىن سۇدىكى ئوكسىگېننى ژابراسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدىغان

  • خوندا ماركىلىق گۆشگىردە2 ھەپتە ئىلگىرى

    مارىس ئادىمى ،تاشقى پىلانىت ئادىمى يەر شارى ئادىمى يەنە بامۇ

  • مەن ؟2 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ئىلمى خەۋەرلەرنى يوللاپ تۇرغىنىڭلارغا كۆپ رەخمەت كائىنات خەۋەرلىرىنى مومكىن بولسا كۆپرەك يوللاپ بىرىشڭلارنى ئۆمۆت قىلىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号