باش بەت

zevmret

896يوللانما
36مەستانە

40 ياشلىق ئايالنىڭ يېرىم يىل بىللە تۇرغان «ئوغۇل دوستى» قىز چىقىپ قالدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-06 11:54 6 ئىنكاس چۈشتى

  ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: جېجياڭدىكى 40 ياشلىق ۋاڭ چى بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت مۇھەببەتلەشكەن ۋە بىللە تۇرغان «ئوغۇل دوستى»نىڭ قىز چىقىپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.

  ۋاڭ چىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى توردىكى بىر تۈرنى ئىشلەۋاتقاندا ئىككىسى تونۇشۇپ قالغانىدى. كېيىن چيەن فامىلىلىكنىڭ غەمخورلىقى ۋە كۆڭلىنى بىلدۈرىشى ئارقىسىدا، ۋاڭ چى ئۆزىنىڭ توي قىلىپ ئاجراشقان ۋە بالىسى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن چيەن فامىلىلىك قەتئىي بوشاشماستىن ئەكسىچە تېخىمۇ كۆيۈمچان بولۇپ كەتتى. ئاخىرى ۋاڭ چى ئۇنىڭغا «تەسلىم» بولدى. 

  2016-يىلى 6-ئايدا ئىككەيلەن رەسمىيانە ھالدا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇردى. چيەن فامىلىلىك ۋاڭ چىنى ئېلىپ خەيكوۋغا قايتىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈردى ۋە ۋاڭ چىغا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئىللىق ئائىلە قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن ئىككەيلەن ئايرىلىپ يەنە يارىشىپ يۈرۈپ تاكى 2017-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە چيەن فامىلىلىك يوقاپ كەتتى. يانفونى ئۇلانمىدى، ئۈندىدارىدىكى ئىسمىمۇ ئالمىشىپ كەتتى، يەنە كېلىپ ئۈندىداردىكى ئىسمىدىن قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ يېڭى قىز دوستى بولغاندەك قىلاتتى.

  ۋاڭ چى تۇيۇقسىز شۇنى ھېس قىلدىكى، بۇ مۇناسىۋەتتە ئۇ چيەن فامىلىلىك ئۈچۈن ئاللىقاچان 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ بولغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قىلچىلىك جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى كۆرمىگەنىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر تەرەپتىن چيەن فامىلىلىكنى ئىزدەشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا ۋاڭ چى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئىشنى بايقىدى، ئۇ بولسىمۇ : چيەن فامىلىلىكنىڭ جىنسى دېگەن يېرىدە ئايال دەپ يېزىقلىق ئىدى.

  ئۇ چيەن فامىلىلىك بىلەن بىللە يۈرگەن ۋاقىتلىرىدىكى ئىنچىكە ھالقىلارنى ئەسلەشكە باشلىدى، چيەن فامىلىلىكنىڭ سىياقىدا قىلچىلىكمۇ ئاياللارغا خاس نەرسىلەر يوق ئىدى... ھەتتا سىرتتا ھاجەتخانىغا بارسىمۇ ئەرلەرنىڭكىگە كىرەتتى؛ گەرچە چيەن فامىلىلىك ۋاڭ چىنى «خوتۇنۇم» دەپ چاقىرسىمۇ، ئىككىسى بىر كارىۋاتتا ياتسىمۇ، چيەن فامىلىلىك ۋاڭ چىنى «ھۆرمەت»لەيدىغانلىقى ئۈچۈن ھەددىدىن ئاشقان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلمىغانىدى.

  ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاڭ چى خەيكوۋدىكى چيەن فامىلىلىكنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قايىل قىلارلىق جاۋاب ئالماقچى بولدى. لېكىن چيەن فامىلىلىكنىڭ دادىسى چيەن ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە ۋاڭ چى بىر ئالدامچى بولۇپ، قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەن، ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىدە ئىقتىسادىي توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ۋاڭ چى چيەن فامىلىلىككە تۆھمەت قىلماقچى بولغانمىش.

  چيەن ئەپەندىمنىڭ يەنە دېيىشىچە، چيەن فامىلىلىك ئۆزىنىڭ يالغۇز قىزى ئىدى، لېكىن كىچىكىدىنلا ئۇنى ئوغۇل بالا قاتارىدا چوڭ قىلغانىدى شۇنداقلا چيەن فامىلىلىكنىڭ ئۆزىمۇ ئوغۇل بالا سىياقىدا يۈرۈشنى ياقتۇراتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشىدىن ئىبارەت ئىدى، خالاس.

  ئىككى تەرەپنىڭ ئۈندىدارىدىكى «خوتۇنۇم» دېگەندەك ئاتالغۇلارغا نىسبەتەن چيەن ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە بۇ پەقەت دوستلار ئارىسىدىكى چاقچاق ئىدى. ھازىر ھەرئىككىلا تەرەپ ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تاللىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • bahadir 84003 ئاي ئىلگىرى

    نۇمۇس، دىگەن،، سۆز،، نەچچە، يىلغا، قالماي، يۇقىلىپ، كىتەمۇنىمە،، پۇلنى، دەپ،، ۋاستە،، تاللىمايدىغان،، بۇپ،، كىتىپتۇ،،، ھەي،،،،، تۇۋا

  • مىسسى3 ئاي ئىلگىرى

    نىمدا بىمەنە ئىش بۇ قاملاشمىغان.باشقا ئىشلاردا ھۆرمەت قىلسىمۇ بىر كارۋاتتا ياتقاندىكىن بىلمەمدۇ تەن قۇرلىشنىڭ سەل ئوخشىمايدىغىننى ھەقىچان قېلىن چاپاننى كىيۋېلىپ ياتمىغاندۇ،چاپاننى كىيۋالسىمۇ بىلنىدۇ ئاياللارنىڭ مەيدىسى ئىشقىلىپ بەكلا بىمەنە ئىشكەن بۇ،ئاۋازىمۇ بى پەرىقلىنە سەل.خۇتنۇم دەپ چاقىرىپ بىر كارۋاتتا يېتىپمۇ بىلمىدى دەيدا توۋا ئۇ خۇتۇننىڭ كۈزى ئاجىز ئوخشىمامدۇ ئويما دۆڭگۈلنى پەرىق ئىتەلمەيدىغان

  • كىم3 ئاي ئىلگىرى

    بۇندىن كىيىن قىزلار بىلەن دوس بولساق كىيىملىرنى سالدۇرۇپ قاراپ بىقىپ تونۇشساق بولغۇدەك،

  • كۈنلەرنىڭ بىرىدە…3 ئاي ئىلگىرى

    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ…
    رەسمىي…

  • مائىدە3 ئاي ئىلگىرى

    نىمە دىگۇلۇك، توۋا !

  • رىۋايەت3 ئاي ئىلگىرى

    بۇئشقا نىمدىسەك بۇلا ئەمدى،پىكىر يېزىپ بېقىڭلاچۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号