باش بەت

نۇسرەتگۈل

10619يوللانما
190مەستانە

چۇڭچىڭدا «چىراي پەرقلەندۈرۈپ نىكاھ تىزىملاش سىستېمىسى» بارلىققا كەلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-06 13:47 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 5-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«چىراي تونۇتۇپ بېكەتكە كىرىش»، «چىراي تونۇتۇپ پۇل چىقىرىش» سىستېمىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن «چىراي تونۇتۇپ توي قىلىدىغان» كۈنلەرمۇ يېتىپ كەلدى. چۇڭچىڭ شەھەرلىك نىكاھ تىزىملاش، باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەركەزدىكىلەر چىراي تونۇتۇپ نىكاھ تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىشنى باشلىۋېتىپتۇ.

4-يانۋار چۇڭچىڭ شەھەرلىك نىكاھ تىزىملاش، باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ نىكاھ تىزىملاش كۆزنىكىگە بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسى قويۇلدى. بۇ بىر سالاھىيەت تەكشۈرۈش تېرمىنالى بولۇپ «چىراي تونۇتۇپ توي قىلىش» دەل مۇشۇ سىستېما ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئىككى كامېرا سۈرەتكە چۈشكۈچىنىڭ چىرايى ۋە كىملىك ئۇچۇرى، بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

بۇ مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم ئەنئەنىۋىي سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدە ئۈسكۈنە ئارقىلىق سالاھىيەت ئۇچۇرى ئوقۇلىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا كېنىشكىنىڭ راست-يالغانلىقى، ئۈنۈملۈك ۋاقتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن كېنىشكە ئىگىسى كۆز بىلەن كۆرۈپ پەرقلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەتتىكى كۆز بىلەن تەكشۈرگەندە بىر قىسىم خاتالىقلار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى دۆلىتىمىزدە ئىلگىرى باشقىلارنىڭ كىملىكى بىلەن نىكاھ تىزىملىتىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن. چىراي تونۇتقاندا نەق مەيداندىكى ئادەم بىلەن ئامباردا ساقلانغان ئادەمنىڭ سۈرىتى، كېنىشكىدىكى ئادەمنىڭ سۈرىتى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈلۈپ ئاخىرىدا شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى ياكى ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. 

ئادەتتىكى كۆز بىلەن پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ سىستېمىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە يۇقىرىلىتىلغان. بىراق، ھېچقانداق ئىش %100 مۇكەممەل بولمايدۇ. مەسىلەن، بۇ سىستېمىنىڭ قوشكېزەكلەر ياكى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئوخشىتىپ ھۆسن تۈزەتكەنلەرنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلىشى قىيىن.

ئەمما بۇ سىستېمىسىنىڭ بىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بار بولۇپ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا بارماق ئىزىنى تونۇتسا بولىدۇ.

بۇ مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ بۇ سىستېما 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن نىكاھ تىزىملاش كەسپى پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسىنىڭ %100كە يەتكەنلىكى، كەلگۈسىدە شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدىكى نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىدا بۇ سىستېما ئومۇملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号