باش بەت

نۇسرەتگۈل

10619يوللانما
190مەستانە

خورلىنىشتىن ئەنسىرىگەن ھىندىستانلىق قىز پەتەك ئەرگە ياتلىق بولۇپ «بەختلىك» ياشىماقتا

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-06 18:50 18 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 5-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھىندىستانلىق ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ناھايىتى تۆۋەن، ياش قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى بالدۇرلا ئائىلە ئايالى بولىدۇ، ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىدە يولدىشىنىڭ قاپىقىغا قارايدۇ، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئورنىدا بولۇپ قالغان تاياققا ئامالسىز بەرداشلىق بېرىدۇ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. تاراتقۇلارنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستانلىق بىر ئايال پەتەك ئەرگە ياتلىق بولۇپ، ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ ئەرنىڭ بويى ئارانلا 1.07 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتىكى كۆپ قىسىم ئىشلار ئايالىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. بىراق، بۇ ئايال رازىمەنلىك ئىلكىدە «ناھايىتى بەختلىك» ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى بار بولدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا تولدى.

بۇ ئايال ئەتراپىدىكى ئاياللارنىڭ ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئات-ئېشەكتەك ئىشلەيدىغانلىقى، يەنە تېخى ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقى، تۇرمۇشىنىڭ ئازاب ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يولدىشى بىلەن تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشتا چىڭ تۇرغان، مېيىپ يولدىشىنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى.

بۇ ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ توي ئىشىغا قەتئىي قارشى تۇردى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. بۇ ئايالنىڭ قىسمىتىدىن ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ ئازابىنى چۈشىنىۋېلىش ئانچە قىيىن بولمىسا كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەڭرىتاغ بۈركۈتى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاۋ بۇ بالا نىمە دىگەن ئۇماق دۇنيادىكى بەخىت مۇشۇ پاكار ئەرگە نىسىپ بوپتۇ كۆز تەگمىسۇن سلەگە

  • ئالتۇنگۇل3 ئاي ئىلگىرى

    بەزى ساق ئەرلەدىن ماشۇنداق مىيىپ لارمۇ ياخشى بەزىدە

  • ئەنسار3 ئاي ئىلگىرى

    ئاجايىپ بىر مىللەتكەن بۇ،ھەرقانداق ئىللەت تىپىلىدىغان.شۇڭىمۇ ھەرقايسى جەھەتتە ئەڭ تۈۋەن قاتلامدا بۇ خەق.

  • قار لەيلىسى3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بىر جۈپلەرنىڭ بىر ئۆمۈر بىرگە بەخىتلىك ئ‍ۆتۈشنى تىلەيمەن

  • گۇلدەستە3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ھىندستان نىمە بۇلغان يەر بۇ قىز ئايالارنىڭ ئەجەپ ئەتۋارى يۇقكەن

  • بۇ.تىمنى.ئاياللار.بەكراق.كۆرۈڭلا.چۈنكې.نالا.سلەرنڭ.تەربىيەڭل3 ئاي ئىلگىرى

    ھەيدوسلار.ئۇئەر.بەكلا.بەختلكەن

  • كەتسە كېتەر3 ئاي ئىلگىرى

    ما ئادەمنىڭ يامانلقنى ، ئايالى تۇغۇپتۇ تېخى ، ئوغۇلۋالنىڭ بۆشۈكدىكسىمۇ ئوغۇل دەپ بىكار ئېبيتماپتىكەن كونىلار ، ھى ھىھھھھھھ

  • تەنناز3 ئاي ئىلگىرى

    سۈگەتنىڭ تۈزى بولماس ئەر كشنىڭ سەتى دەپتىكەن كونىلار

  • مىھرىم …3 ئاي ئىلگىرى

    دىل ئازارىدىن ھەر كىم بىزار
    كۆڭۈل خاتىرجەم ئۆتسىلا بولمىدىمۇ

  • قار گۈلى3 ئاي ئىلگىرى

    جىسمى مېيىپ بولغان بىلەن قەلبى مېيىپ بولمىسا بۇلدىغۇ ھازىر جەمىيتىمىزدە جىسمى ساق بولسىمۇ لىكىن قەلبى زەھەرگە تولغان كىشىلەر كۆپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号