بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
(Thriller Hotel in Hillesheim (Germanyبولسا گېرمانىيەدىكى «قورقۇنچلۇق مېھمانساراي». ساياھەت تىلغا ئېلىنسا، ھەممەيلەن ساياھەت جەريانىدا ئىللىق بىر مېھمانسارايدا تۇرۇشنى خالايدۇ. ئەمما گېرمانىيەدە بىر چچ ئىسىملىك «قورقۇنچلۇق ۋە ۋەھىمىلىك مېھمانخانا» بار بولۇپ، بىز بۇ مېھمانساراينىڭ زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى...
«ئەھۋال سورىساڭ سوراۋەر ئەمما مېنىڭ ساڭا ھەدىيە قىلىدىغىنىم بىر باغلام ئارغامچا....». سۈرەتتە: گېرمان تىلىدىكى ئەھۋال سوراش سۆزى بولۇپ، خەيرلىك سەھەر دېگەن سۆزدىن باشقا يەنە guten Tag ياخشىمۇسىز (ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن سائەت10دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 6گىچە ئىشلىتىدۇ)، Mahlzeit چۈشلۈكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن! (ئادەتتە چۈش سائەت 12دىن چۈشتىن كېيىن 2گىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشلىتىلىدۇ).
گېرمانىيەنىڭ Hillesheim رايونىغا جايلاشقان «ۋەھىمىلىك مېھمانخانا» ھەرخىل قورقۇنچلۇق نەرسىلەردە ۋە ھەرخىل ۋەھىمىلىك ئامىللاردىن بېزەلگەن ئۆزگىچە مېھمانساراي.
ھەر كۈنى كەچ كىرىشى بىلەن بۇ جاي «دوزاخقا ئوخشاش» بولۇپ كېتىدۇ.
بۇنداق مېھمانسارايدا يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قورقۇنچاقلىقىغا ۋە يۈرىكىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك.
بۇ جايدىكى «ۋەھىمىلىك» نەرسىلەرنى ھەممە جايدا كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەممە جايدا قورال قاتارلىق ۋەھىمىلىك ئەسۋابلار بار. سۈرەتتە: ۋەھىمە ئۈچۈن ياساپ قويۇلغان ھەيكەل ئايال.
سۈرەتتە: «قان ھىدى» پۇراق تۇرىدىغان تام گېزىتى.
بۇ جاينىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى تام گېزىتلىرى چاپلانغان...
بۇ جايدىكى ھەممە نەرسە سىزنىڭ خاتىرجەم ئۇيقۇڭىزنى بۇزۇشى مۇمكىن، مەسىلەن: ئۈستەل ئۈستىدىكى قورال سىزگە قەتئىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلالمايدۇ.
سۈرەتتە: ھەرخىل يېرىم كېچىدە كۆرسە ئادەم قورقۇتىدىغان سۈرەتلەر، تام گېزىتلىرى.
«بايا كىم دېڭىزغا سەكرەپ ئۆلىۋالدى؟» تەسەۋۋۇر كۈچى يۇقىرى كىشىلەر، بۇ جايدا نۇرغۇن مەنزىرىلەرنى كۆرەلەيدۇ. ھەتتا ۋاننا ئىچىدىن قولىنى چىقىرىپ تۇرغان جەسەت ۋە پەردە ئارقىسىدىكى ئادەم سايىسى قاتارلىقلار....
كەچ كىرگەندە غۇۋا چىراغلار ۋە قاراڭغۇ ئۆيلەر كىشىگە تېخىمۇ ۋەھىمىلىك تۇيغۇ «ئاتا قىلىدۇ».
بۇ مېھمانخانىنىڭ ھەربىر ھالقىلىرى ناھايىتى ئىنچىلىك بىلەن لايىھەلەنگەن بولۇپ، قاراڭغۇ كارىدوردا ھەرخىل «جەسەتلەر» مېڭىپ يۈرۈيدۇ. ئەگەر يۈرىكىڭىز بولمىسا بۇ جايغا كىرمەڭ.
بۇ يەردە ھەتتا داڭلىق رازۋېدچىك ھولمىسنىڭ «خاس ئۆيى» بار...
سۈرەتتىكىسى بولسا بىر جايغا قويۇپ قويۇلغىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان «تەۋەررۈك پەي قەلەم» بولۇپ، بۇ (Thriller Hotel in Hillesheim (Germany مېھمانخانىسىدا تۇرغان ھەربىر مېھمان بۇ قەلەم ئارقىلىق ھەرخىل باھالارنى يازالايدۇ.
(Thriller Hotel in Hillesheim (Germany ۋەھىمىلىك مېھمانخانىسى سىزنىڭ بۇ جايغا كېلىپ «قورقۇنچلۇق بىر ئاخشام» ئۆتكۈزۈپ كېتىشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ.
ئۇمۈدۋار ياشاڭ3 ئاي ئىلگىرى
بىزنىڭ قەشقەر تەرەپلەرگىمۇ مۇشۇنداق قۇرقۇنچلۇق مىھمانساراي سىلنسا ئىدى مەن بىرىنجى بولۇپ كىرتىم مەن مۇشۇنداق ۋەھىمىلىك قۇرقۇنچلۇق نەرسىلەرگە ئامراق
0997ئاتامان3 ئاي ئىلگىرى
مەنغۇ ھىچ قورقۇنۇچ ھىس قىمىدىم?
كۇلۇمسىرەپ3 ئاي ئىلگىرى
شۇنىمۇقورقۇنۇچلوق دەپ قورقۇدەك نەرىبا
سەمى قاغلىق ئامانشا3 ئاي ئىلگىرى
قوقۇنچاقلا ئەمەليەتتە قوققۇدەك ئەمەسكەن ئەشۇندا دىيش ئارقىلىق ئۇمىھمان ىاننى تەشۋىق قىلۋاپتۇ شۇنمۇ بىلشمىگەن
يالغۇزئەركەك3 ئاي ئىلگىرى
تاماق كىرا ھەققى ۋە باشقا ھەر قانداق چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالسا مەن بىرەر يىىل تۇرۇپ كىلىشنى ئويلۇنۇپ باقاي
ئەنجىلنا جۇلى3 ئاي ئىلگىرى
قىز،دوستى بىلەن باسسا بوغدەك جۇمۇ
پەرىشتە3 ئاي ئىلگىرى
مەن بەك قورقۇنچاق شۇنداقتىمۇ توردىن قورقۇنۇشلۇق كىنو، ئەسەر دىگەنلەنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرىمەن، لېكىن ئالدىمغا ئازراقلا مەن قورقىدىغان نەرسىلە ئۇچراپ قالسا يۈرۈكۈم چىقىپ كىتەيلا دەپ قالىمەن، بۇنداق ياتاققا ئۆلسەممۇ كىرمىگۈدەكمەن
داۋخو3 ئاي ئىلگىرى
مىنىڭ بېرىپ بىر ئاخشام قۇنۇپ كەلگىم كىلۋاتىدۇ راسلا