باش بەت

نۇسرەتگۈل

8975يوللانما
149مەستانە

سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئايال غوجايىن سومكا ئوغرىلاپ تۇتۇپ تۇرۇلدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-06 22:02 1 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 6-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

5-يانۋار خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا جېجياڭ خاڭجۇلۇق بىر ئايال داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار دۇكىنىنى ئايلىنىۋاتقاندا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ھەم دۇكانداردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەنلىك سومكىدىن بىرنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايال تازىلىق سايمانلىرى زاۋۇتى ئاچىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشى باياشاتكەن. ئۇ ھازىر جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.

بېنز ھەيدەپ، زاۋۇت ئاچىدىغان، پۇلدىن قىسىلمايدىغان ئايال غوجايىننىڭ LVنىڭ مەخسۇس دۇكىنىدىن سومكا ئوغرىلىغانلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ دۇكاندارنىڭ ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى سەۋەبلىك مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتتى. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ سائەت 9لار ئەتراپىدا مودا كىيىنىۋالغان بىر ئايال LVنىڭ مەخسۇس دۇكىنىغا كىرىپ قىممىتى 20 مىڭ يۈەنلىك سومكىدىن بىرنى خالتىغا سېلىپ چىقىپ كەتتى.

ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنى ناھايىتى تېزلا تېپىۋالدى ھەم قاتتىق ھەيران قالدى. چۈنكى سومكا ئوغرىلىغان ئايالنىڭ مەقسىتى ئوغرىلىق قىلىش ئەمەس ئىدى. خاڭجۇ شياچېڭ رايونى تيەنشۈي ساقچىخانىسى دېلو بېجىرىش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى جاڭ چۈن: «بۇ ئايال دۇكان خىزمەتچىسىنىڭ ئۆزىگە قىزغىن مۇئامىلە قىلمىغانلىقى، ئۇنى ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىدى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، جاڭ فامىلىلىك بۇ ئايال تازىلىق سايمانلىرى دۇكىنى ئاچىدىغان بولۇپ، ياسىنىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن، تۇرمۇشى باياشاتچىلىقتا ئۆتىدىكەن. شۇڭا ئۇ دۇكاندارنى ئۆزىنى كۈلۈپ قارشى ئېلىشى كېرەك دەپ ئويلىغان. ئەمما كۈتۈلمىگەندە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان.

جاڭ چۈن: «ئۇ سومكىنى ئوغرىلاپ كېتىلگەندەك ھالەت شەكىللەندۈرۈپ پىركازچىكنى زىيان تارتقۇزۇش ئارقىلىق ئۆچ ئالماقچى بولغان» دېدى. نۆۋەتتە، جاڭ xx جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • KOR@MIZ2 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ بەزىدە شۇنداق ئاچچىقىم كىلىدۇ ، بەزى دۇكانلارغا كىرسە كۆزگە ئىلمىغاندەك مۇئامىلە قىلىشلىرىچۇ تېخى خۇددى ساتىدىغىنى دۇنيادا بىرتاللا شۇ دۇكاندىلا باردەك ! ئەمەلىيەتتە 200-300سوملۇق لاتا خالاس ، كۆرۈپ چىقىپ كەتكەنلەر ئالالمايدۇ ، ياكى ئالمايدۇ ئەمەس پاسۇنى، رەڭگىنى ياكى خۇجايىننىڭ مۇئامىلىسى ناچار بولغانلىقتىن چىقىپ كىتىدۇ ! ئالغۇسى بولمىسا شۇنچە تۇرمۇش رىتىمى تىز بۇلىۋاتقان بۇ يىل ئاي كۈنلەردە بازار ئايلىنىپ يۈرگىدەك كىمنىڭ بىكار ۋاقتى بار ؟
    شۇڭا ساتارمەنلەرگە شەخسەن دەيدىغىنىم ؛-
    سەمىمىيەت بىرىنچى 。
    ھەركىم پۇلغا ئالغان ئىكەن ئۆزى ياقتۇرغىنىنى ئەڭ ئىشەنچلىك ياخشىسىنى ھەم ئارىدا سودا شەكىللەنگەن ئىكەن مۇۋاپىق باھادا سېتىۋىلىشنى ئويلايدۇ ! بۇدىگەن ئاددىلا ئۇقۇمغۇ !
    خۇددى ساتارمەنلەر ئەرزان ئېلىپ ئامالبار تىز ھەم يۇقرى باھادا سېتىپ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلغانغا ئوخشاش ! ئەمدى ئويلاڭ خىرىدارنىڭ كۆرۈپ بېقىپ چىقىپ كەتكىنى ئانچە مۇنچە باھا تالاشقىنى زىيادە ئورۇنسىزلىقمۇ ؟ ؟ ؟
    يەنىلا سەمىمىيەت بىرىنچى !!!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号