باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

ئوتتۇرا دېڭىزدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كېمىسى ئۆرۈلۈپ سەككىز ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 10:40 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 7-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 6-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن لىۋىيەنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر قانۇنسىز كۆچمەنلەر كېمىسى ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، چارلىغۇچى ئايروپىلان خەتەرگە يولۇققان كېمىنى بايقىغاندىن كېيىن شۇ ئەتراپتىكى ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقىنى قوغداش ئەترىتى ھەمدە ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كېمىسى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ 80 نەچچە ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغان، سەككىز ئادەم قازا قىلغانلىقىنى بايقىغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كېمە لىۋىيە قىرغىقىدىن 100 نەچچە ئادەمنى ئېلىپ يولغا چىققان. پەرەز قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كېمە ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن.

لىۋىيە ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئىتالىيەگە، ئارقىدىن ياۋروپا بېرىش نۆۋەتتە كۆپ قىسىم قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىدىكى ئاساسلىق يولى بولۇپ قالدى. خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 3100دىن كۆپرەك ئادەم ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا بېرىش سەپىرىدە قازا قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号