باش بەت

ئادىلجان

8627يوللانما
123مەستانە

گۋىنىيە بىسساۋ ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 12:50 0 ئىنكاس چۈشتى


شىنخۇا تورى 7-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گۋىنىيە بىسساۋ ھۆكۈمىتى 6-يانۋار موشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى ۋە 8-كۈنلىرىنى مەملىكەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق 5-يانۋار پايتەخت بىسساۋنىڭ جەنۇبىدىكى قاتناش ۋەقەسىدىكى 18 نەپەر قازا قىلغۇچىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

گۋىنىيە بىسساۋ زۇڭتۇڭى ۋاسى، زۇڭلى ئۇمارو ئېمبال ئالاھىدە ئىچكى كابېنت يىغىنىدىن كېيىن ھۆكۈمەت پەرمانى ئىمزالاپ، شۇ جاي ۋاقتى 7-يانۋار سائەت نۆلدىن باشلاپ 9-يانۋار سائەت نۆلگىچە مەملىكەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ، ھادىسىدە قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ مەزگىلدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى چەكلىنىدۇ. 

گۋىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 18 نەپەر پۇقرانىڭ قازاسى قىلىشى پۈتكۈل گۋىنىيەنى قاتتىق قايغۇغا دۇچار قىلغان. گۋىنىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى يەنە 14 نەپەر يارىلانغۇچىنىڭ بارلىق داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

5-يانۋار كەچ 17 ئادەم ئولتۇرغان بىر كىچىك تىپتىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس گۋىنىيە پايتەختى بىسساۋنىڭ جەنۇبىغا 23 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندىكى تاش يولدا بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، ھايات قالغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، ھادىسە يۈك ئاپتوموبىلى سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ بالون ئېتىلىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号