باش بەت

ئىدىقۇت887

7403يوللانما
16مەستانە

بىر تىرىليون چەتئەل پۇلى ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قالغان ئاۋستىرالىيەلىك ئەر پۇشايماندا قالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 12:20 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جەنۇبىي ئاۋستىرالىيە ساقچىلىرى يېقىندا ئادېلەيد شەھىرى (Adelaide) دە بىر گۇمانلىق ئەرنى قولغا ئالغان ھەم بۇ ئەرنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ ئوغرىلاپ كېلىنگەن بىر مۇنچە پۇللارنى ئىزدەپ تاپقان، بۇ پۇللارنىڭ ئىچىدە  سوممىسى بىر  تىرىليون زىمبابۋى دوللىرىلىق قەغەز پۇلمۇ بار بولۇپ، لېكىن بۇ زىمبابۋى دوللىرىنىڭ ئەمەلىي بازار قىممىتى ئارانلا 20 ئاۋستىرالىيە دوللىرىدىن 80 ئاۋستىرالىيە دوللىرىغىچە كېلەتتى.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر گۇمانلىق ئەر ئادېلەيد شەھىرىنىڭ ئېدېن كوچىسى (Eden St) دا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ساقچىلار بۇ ئەردىن باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان دەپ گۇمان قىلغان، ساقچىلار بۇ ئەرنىڭ دۈمبىسىگە ئېسىۋالغان سومكىسىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم پۇللىرىنى ئىزدەپ تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە دۇتسىچ (Deutsche Bank) بانكىسىنىڭ 1920-يىلى بېسىلغان قەغەز پۇلى، شۇنداقلا 1000 كورېيە ۋونى، 100 ئوممان رىيالى سوممىسىدىكى قەغەز پۇل ۋە سوممىسى بىر تىرىليون زىمبابۋى دوللىرىلىق قەغەز پۇل قاتارلىقلار بار ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، زىمبابۋى ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئۆز دۆلىتىدە بېسىلغان قەغەز پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا دوللىرى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا پۇلىنى ئوبورۇت پۇلى قىلىپ بېكىتكەن، ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ، زىمبابۋى بانكىسى ئۆز دۆلىتىدە بېسىلغان پۇللارنى تارقىتىپ باقمىغانىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئوغرى ئوغرىلىغان بىر تىرىليون زىمبابۋى دوللىرىلىق قەغەز پۇلنىڭ ئاۋستىرالىيەدىكى قىممىتى ئارانلا 5 ئاۋستىرالىيە دوللىرى ئەتراپىدا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ قەغەز پۇلنىڭ Ebay تورىدىكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باھاسى 20 ئاۋستىرالىيە دوللىرىدىن 80 ئاۋستىرالىيە دوللىرىغىچە كېلىدىكەن.

جەنۇبىي ئاۋستىرالىيە ساقچىلىرى پۇلىنى ئوغرىغا بېرىپ قويغۇچىلارنىڭ ساقچى ئىدارىسىگە كېلىپ ئېلىپ كېتىشىنى، شۇنداقلا پۇلىنى يوقىتىپ قويغانلىقىغا ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشىنى  مۇراجىئەت قىلغان. مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق گۇماندار يېقىندا سوتقا تارتىلىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号