باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

زامبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خولېرا يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن تاقالدى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 13:37 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

زامبىيەدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت زامبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 5-يانۋار خولېرا يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبلىك تاقالدى. 

زامبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، خولېرا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش باشلاش تەلىپىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، زامبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپنى تاقاشنى قارار قىلغان ھەمدە ئىككى مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپتىن دەرھال ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ مەكتەپ ئائىلە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئۆيىگە قايتىدىغان قاتناش خىراجىتى بېرىدىكەن، مەكتەپنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى داۋاملىق خىزمەت قىلىدىكەن.

زامبىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى چىتالۇ چىلۇفىيا 5-يانۋار ئېلان قىلغان ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە زامبىيەدە خولېرا بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن يەنە 100 ئادەم كۆپەيگەن، ئۈچ ئاشپۇزۇلدا خولېرا ۋىرۇسى بايقىلىپ تاقالغاندىن كېيىن، يەنە بىر قىسىم ئاشخانا، بولكا دۇكىنى، مېھمانساراي قاتارلىق ئورۇنلارمۇ تاقالغان. 

شۇ كۈنى ياشلار ۋە تەنتەبىيە مىنىستىرى موسېس ماۋرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خولېرانىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى تولۇق توختىتىلغان. 

ئىچىملىك سۇ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش شارائىتلىرى ناچار بولۇش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك ھەر يىلى زامبىيەنىڭ يامغۇر پەسلى يېتىپ كەلگەندە خولېرا يامراپ كېتىدۇ، ئادەتتە بۇ ئەھۋال پايتەخت لۇساكا ۋە يېقىن ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەت زىمبابۋېنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەرگە مەركەزلەشكەن. نۆۋەتتە زامبىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي قىسىم ئەۋەتىپ لۇساكادىكى مەينەت ئورۇنلاردا تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە تەدبىر بوللىنىپ خولېرانىڭ داۋاملىق يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. 

5-يانۋارغا قەدەر زامبىيەدىكى خولېرا يۇقۇم ئەھۋالىدا 151 ئادەم ئۆلۈپ، 2248 ئادەم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号