باش بەت

نۇسرەتگۈل

10601يوللانما
190مەستانە

ئادەملەرگە پەقەتلا قىزىقمايدىغان قىز كاتەكچە ئويۇنى بىلەن توي قىلماقچى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 19:00 31 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 6-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فىلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى خاسسېن (Hassen) بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن. ئۇ كاتەكچە ئويۇنىغا (俄罗斯方块)بەكلا ئامراق بولۇپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ بۇ ئويۇننى توردىن تېپىپ كۈنىگە 12 سائەت ئوينىدى. ھازىر خاسسېن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كاتەكچە ئويۇنى بىلەن توي قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ. ئۇ ھەتتا كاتەكچە ئويۇنىغا بولغان ھېسسىياتىنى تەسۋىرلەپ بىر لىرىكىمۇ يازدى.

خاسسېن ئۆزىنىڭ كاتەكچە ئويۇنى بىلەن بىللە ئۇخلايدىغانلىقى ھەمدە شۇ ئويۇنغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر، مەسىلەن قۇچاقلىما ياستۇق بىلەن ئەمەلىي ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «مېنىڭچە كاتەكچە ئويۇنى بەكلا گۈزەل، بەكلا مۇكەممەل. ئۇ تەپەككۇرنى غىدىقلىيالايدۇ، ماڭا ئاشىقىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھېس قىلدۇرالايدۇ» دېدى.

خاسسېننىڭ بۇ قىلىقى نەرسىگە ئاشىقلىق ئىشتىياقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۆزنى 30 نەچچە يىل ئىلگىرى بېرلىن تېمىغا ئاشىق بولغان شىۋېتسىيەلىك ئايال ئېيېرىتا ئىجاد قىلغان بولۇپ، بېرلىن تېمى بىلەن «توي قىلغاندىن» كېيىن فامىلىسىنى «يولدىشىنىڭ فامىلىسىگە» ئۆزگەرتكەنىدى. خاسسېن يەنە: «ئىلگىرى بىر ھېسابلىغۇچقا (计算器) ئاشىق بولغانىدىم. بۇ ھېسابلىغۇچنى 16 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا ئانام سوۋغا قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا <پىيېر> (Pierre) دەپ ئىسىم قويۇپ قويدۇم. ئۇ بەكلا جەلپكار بولغاچقا مېنى مەپتۇن قىلىۋالغانىدى» دېدى.

خاسسېن پىيېرغا زىيادە ئاشىق بولغانلىقتىن ھەتتا ئۇنى تانسا كېچىلىكىگىمۇ ئېلىپ بارغانىدى. ئۇ: «مەن پىيېرنى راستىنلا ياقتۇرۇپ قالدىم. ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. مەن ئۇنى تانسا كېچىلىكىگە ئېلىپ باردىم، ئۇنى ئويلىساملا ئىچىمگە پارتلاش ئالدىدا تۇرغان بىر يالقۇن كىرىۋالغاندەك ھېس قىلىمەن» دېدى. خاسسېن بۇ ھېسابلىغۇچنىڭ كۇنۇپكىلىرى ۋە سېزىمچان تاختىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، كۇنۇپكىلىرىغا تىلىنى تەگكۈزۈپ ئامراقلىق قىلىدۇ. بىراق، بىر كۈنى ئۇ ھېسابلىغۇچنى سۇدا يۇيماقچى بولغاندا قىسقا تۇتىشىش يۈز بېرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق يېرىم قىلدى. بىراق، ھازىر خاسسېننىڭ «ھېسسىياتى ئۆزگىرىپ» كاتەكچە ئويۇنىغا ئاشىق بولدى.

خاسسېننىڭ ئۆيىگە كاتەكچە شەكىللىك بۇيۇملار تولۇپ كەتكەن بولۇپ، كاتەكچە شەكىللىك ئاسما چىراغ، نېپىز مايكا، ماگنىتلىق تۆمۈر ۋە قاتتىق دىسكا قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ تېخى كاتەكچە ئويۇنى شەكىللىك نەرسىلەر ئېسىلغان مارجىنى ۋە دوستلىرى سوۋغا قىلغان نەرسىلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە خاسسېن ھەر كۈنى ئاشۇ نەرسىلەر بىلەن بىللە «ئۇخلايدۇ». ئۇ: «ئوقۇش پۈتتۈرگەندە كاتەكچە ئويۇنى بىلەن توي قىلىشنى، مۇراسىمغا دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ ھەرگىزمۇ چاخچاق ئەمەس. ئۆزۈمگە تېخى <كاتەكچە ئويۇنى خانىم> دەپ ئىسىم قويىمەن» دېدى.

خاسسېننىڭ ئەزەلدىن ئىنسانلارغا كۆڭلى چۈشۈپ باقمىدى. ئۇ 10 ياش ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم جىسىمغا كۆڭلى بارلىقىنى، ئاپتوموبىلنىڭ يول باشلاش سىستېمىسىغا يېقىنلاشقان ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلىغاندا بەكلا خىجىل بولۇپ كېتىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ: «مەن دائىم ھەرخىل باھانىلەرنى تېپىپ ئاپتوموبىلدىكى يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتەتتىم، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ۋە ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلىشنى خالايتتىم، بۇنىڭدىن قەلبىم ئېيتقۇسىز خۇشاللىققا چۆمەتتى» دېدى.

خاسسېننىڭ قىلىقى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنەلمىدى. خاسسېن ئەينى ۋاقىتتا پىيېردا ئاڭ بار دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ھەم ھامان بىر كۈنى ئىنسانلارغا ئوخشاش گەپ قىلىدۇ دەپ ئويلىغانلىقىنى ئېيتتى. بەزىلەر خاسسېننى بېكىنىۋېلىش كېسىلى بار غەلىتە ئادەم دەپ ئاتىدى. بىراق، ئۇ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقى، شۇڭا ھېچقانداق سەۋەبنىڭ ئۇنىڭ كاتەكچە ئويۇنى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر خاسسېن توردىكى نەرسىگە ئاشىقلار توپىغا قوشۇلۇپ ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شەھرىزادنىڭ ھېكايىسى3 ھەپتە ئىلگىرى

    قىز ۋالىمىكەن بۇ پەرق ئېتەلمەپتىمەن دىسە

  • دىلزات1 ئاي ئىلگىرى

    مەن گۈزەل قىزلارغا ئاشىق

  • BAHTIYA R3 ئاي ئىلگىرى

    مەن بازارغا ئاشىق بازاربىلەن توي قىلايمىكى يا

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى3 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا ئەمەس مەن ئازراق ئوخشايدىكەنمەن .

  • karizohli3 ئاي ئىلگىرى

    كۆرۈمسىزلىكىگە باقماي ،كاللىسىنىڭ دەدى باكەن، ئادەتتە بەزى قىزلار سەت بوسىمۇ،چىچەنلىكى ،مېھرى ئىسسىقلىقى بىلەن سەتلىكىنى ياپىدۇ،كاللىسىنى سەل ئىشلەتسە ئالىدىغان ئادەم چىقا بوغىيدى ،
    يېقىندىن ئۆزىنىڭ خيالى بىلەن توي قىلدىغان، رەسىمى بىلەن توي قىلدىغان، ئىت مۈشۈكلىرى بىلەن توي قىلدىغان ،ھەتتا جەسەت بىلەن توي قىلدىغان ساراڭلار كۆپىيىپ قالدى دېسە،گەرچە كىشىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك بوسىمۇ ئىنسانىلىقتىن چىققان بۇنداق قىلمىشلار ئۆزىنى ھالاك قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس،

  • سەبىي3 ئاي ئىلگىرى

    ما قىزبالنىڭ گەپ سۆزىگە قارىسام راسلا ئاشىق بولغاندەك تۇرىدۇ. ئەمما سەل ئۈجمە كۆڭۈلراقكەن، ھېسابلىغۇچى ئۇياقتىن ئۆلەپ كەتسە بۇياقتىنلا باشقا بىرىنى تېپىۋاپتۇ ھەي ئىست

  • تەنناز3 ئاي ئىلگىرى

    مەن دورا ئۇكۇلغا ئاشىق بىلق سۇدىن ئايرلسا ئۈلۈپ قالغانغا ئوخشاش مەنمۇ بىر كۈن ئۇكۇل ئاسقۇزمىسام ياشيالمايمەن مۇشۇنداق ياشغىلى بىر يىل بولدى ئەمدى ئويلاپ باقسام مەن راسلا ئاسما ئۇكۇلغا ئاشىق بوپتىمەن ھەي

  • Alice3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ يوتقانغا ئاشىق يوتقان بىلەن توي قىلايمىكىن

  • تاتلېقجان (مېسكېن)3 ئاي ئىلگىرى

    ما يوللېغان ئېنكاسلا كۇلدۇرۋەتتې مېنې ، بېرسې قوپۇپ نۇرغا ئامراق مەن نۇر بېلەن توي قېلمە دەپتۇ ،ئاغېنەمنېڭ ئېسمې نۇر ئېدې شۇ بوپ قالمېسۇن يەنە ،يەنە بېرسې با كاۋا سارڭې

  • دىل-مۇراد3 ئاي ئىلگىرى

    ھاھاھا،بۇنىڭ سەتلىكىگە كاتەكچە ئۇيۇنى ئەمەس چەمبىرەكچە ئۇيۇنىمۇ ئارتۇقلۇق قىلغۇدەك تاپقان باھانىسىنى،ۋاي قاندا قىلاي…(يۈزىنى ئىتىۋېلىپ كۈلۈپ كۆزىدىن ياش چىققان چىراي ئىپادىسى)

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号