باش بەت

ئادىلجان

8627يوللانما
123مەستانە

خۇاۋېي CES تەكلىپنامىسىدە ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئەڭ ياخشى يانفون ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 21:45 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 7-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Phonearenaنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇاۋېي CES 2018نىڭ تەكلىپنامىسىنى ئېلان قىلىپ، 1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن لاسۋېگاستىكى CES كۆرگەزمىسىدە «سىز ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئەڭ ياخشى يانفون»نى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ يانفوننىڭ ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى ئىككى كۈنگە يېتىدىكەن. 

كەسىپ ئىچىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا خۇاۋېي ئېلان قىلماقچى بولغان بۇ بايراقدار يانفون Android Oreo سىستېمىسى قاچىلانغان Mate 10 Pro دەپ قارىماقتا. 

ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خۇاۋېي ئامېرىكا خەۋەرلىشىش كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئامېرىكا بازىرىغا قارىتا بايراقدار ئەقلىيفون چىقىرىدۇ، بۇ يانفون مۇشۇ قېتىملىق CES كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ، دېيىلگەن. خۇاۋېينىڭ تەكلىپنامىسىدىكى «سىز ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئەڭ ياخشى يانفون» قاتارلىق بايانلاردىن قارىغاندا، بۇ مەھسۇلات خۇاۋېي چىقارغىلى ئۇزۇن بولمىغان بايراقدار مەھسۇلات Mate 10 بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. 

خۇاۋېي Mate 10 Proغا 6.0 ديۇملۇق 2160X1080 پىكسېللىق OLED ئېكران، 20 مىليون ۋە 12 مىليون پىكسېللىق ئارقا قوش كامېرا ۋە سەككىز مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا گۇرۇپپىسى، 6GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 64GBلىق ساقلىغۇچ، 4000mAhلىق باتارېيە سەپلەنگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号