باش بەت

نۇسرەتگۈل

10619يوللانما
190مەستانە

كورېيەلىك ئىستۇدېنتلارنىڭ %60ى توي قىلماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 21:31 3 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،يېقىندىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، كورېيەدىكى %60 ئىستۇدېنت توي قىلماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ نىسبەت 2012-يىلىدىكىدىن %20كە يېقىن ئاشقان.

بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كورېيەدىكى مەلۇم بىر تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېنىقلىغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى كورېيەدىكى 4-2 يىللىق تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلاردىن بولۇپ 1000 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق زىيارەت قىلىنغان %61.9 ئوقۇغۇچى «كېيىن توي قىلماسلىقى مۇمكىنلىكىنى» ئېيتتى. بۇ نىسبەت 2012-يىلىدىكى %43.8تىن %18.1 ئاشقانىدى.

توي قىلماسلىقىدىكى سەۋەب سورالغاندا «چەكلىمىگە ئۇچراشنى خالىماسلىق، ئەركىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىش» دېگەندەك جاۋابلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، %44.5نى ئىگىلىدى؛ 2-ئورۇنغا ئىقتىسادىي سەۋەب تىزىلىپ %37.3نى ئىگىلىدى. جىنس جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوغۇل ئىستۇدېنتلار ئاساسلىقى ئىقتىساد سەۋەبىدىن توي قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ سەۋەبنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %49.2كە يەتتى؛ قىز ئىستۇدېنتلار «چەكلىمىگە ئۇچراشنى خالىماسلىق، ئەركىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىش» سەۋەبىدىن توي قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ سەۋەب ئىگىلىگەن نىسبەت %50.9كە يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ %67ى تويدىن ئىلگىرى بىللە تۇرۇشنى قوللايدىغانلار بولۇپ، بۇنداق قاراشتىكىلەر 2012-يىلىدىكىدىن %30.9 ئاشتى. زىيارەت قىلىنغانلارنىڭ %30.7ى تويدىن ئىلگىرى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

%61 ئىستۇدېنت ھازىرقى باسقۇچتىكى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىنىڭ «ئىستىقبال ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش» ئىكەنلىكىنى، %20.4 ئىستۇدېنت «ئىقتىسادىي بېسىم» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋەبىدىن بېسىم ھېس قىلىدىغانلار نىسبىتى %78.1كە يەتتى. بۇ نىسبەت 2012-يىلىدىكىدىن %18.3 ئاشقانىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىسمىمنى دوراشما3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ دىگەن تەبىئەتنىڭ قانۇنيىتىگە قارشى چىققانلىق، توي قىلىپ، ئائىلە قۇرۇپ، ئەۋلات قالدۇرۇش ئەسلا تەبىئەتنىڭ قانۇنيىتى. ھەممە ئىش ئۆز رىتىمى بويىچە بولغان ياخشى.

  • پەرۋانە.3 ئاي ئىلگىرى

    ئوبدان ئويلاپسىلەرتوي قىلماي ئۆتۈڭلار ، مەنمۇ توي قىلمىدىمغۇ تېخى.

  • تەنناز3 ئاي ئىلگىرى

    ۋاھ ئەجەپ ياخشى بۇپتۇ بۇلار مۇ منىڭ سىپىمگە قۇشۇلۇپتۇ نىمە دىگەن ياخشى ياشسۇن تەنھالىق مۇشۇنداق ئۆتسە نىمە دىگەن ياخشى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号