باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

توردىشى بىلەن كۆرۈشكىلى چىققان ئايال زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 22:49 2 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 7-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات دۇنياسى مەنىسىز بولۇش ئەھۋالى ناھايىتى نورمال ھادىسە بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر توردا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، توردىشى بىلەن ئۇچرىشىشمۇ ئۇمۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانماقتا، لېكىن تور دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساختا كېلىدىغان بولغاچقا، توردىشى بىلەن كۆرۈشۈشنى باھانە قىلىپ زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە بولىدىغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئاللىقاچان توي قىلغان ۋاڭ خانىممۇ توردىشى بىلەن كۆرۈشۈپ ياتاق ئاچقاندىن كېيىن 200 يۈەن ياتاق پۇلىنى تۆلەش مەسلىسىدە توردىشى بىلەن ئارازلىشىپ قالغاچقا، توردىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.

ئىگەللىنىلىشىچە، ۋاڭ خانىم بىلەن يولدىشىنىڭ ھېسسىياتى ئادەتتىكىدەكلا بولۇپ، تورغا چىقىپ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق كۆڭۈل ئارامى ئىزدەيدىغان ۋاڭ خانىم سۇي يوۋخۇا ئىسىملىك ئەر تورداش بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئىككىيلەن توردا ئۇنچە ئۇزۇن پاراڭلاشمايلا ئۆزئارا گېپىنىڭ بىر يەردىن چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنداق قىلىپ ئۇلاردا تەبىئىيلا بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكى تۇغۇلغان، ۋاڭ خانىم بىلەن سۇي فامىلىلىك ئەرنىڭ ئوخشاشلا ئائىلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىسى يېرىم كېچىدە باشقا يەرگە بېرىپ مەخپىي كۆرۈشمەكچى بولۇپ كېلىشكەن، ۋاڭ خانىم توردىشى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولدىشىدىن يوشۇرۇنچە ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفىي شەھىرىدىن مائەنشەن شەھىرىگە كەلگەن.

ۋاڭ خانىم مائەنشەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇدۇللا مېھمانخانىغا بېرىپ ياتاق ئېچىپ توردىشىنى ساقلاپ تۇرغان، سۇي يوۋخۇا ئىسىملىك ئەرمۇ باشقا جايدىن مائەنشەن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يېرىم كېچە سائەت 12دىن ئاشقاندا ۋاڭ خانىم ئېچىپ قويغان ياتاققا كەلگەن، ئىككىيلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن. بۇ ئىككىسى «ئىشى»نى تۈگەتكەندىن كېيىن ۋاڭ خانىم سۇي يوۋخۇادىن 200 يۈەن ياتاق پۇلىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن سۇي يوۋخۇا ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان، ئاقىۋەتتە ئىككىسى 200 يۈەن ياتاق پۇلى توغرىسىدا تەگىشىپ قالغان.

سۇي فامىلىلىك ئەر ۋاڭ خانىمنىڭ ھەميانىدا 1000 يۈەندىن كۆپرەك نەقپۇل بارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى بۇلىماقچى بولغان، ۋاڭ خانىم ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان، سۇي فامىلىلىك ئەر قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ  ۋاڭ خانىمنى زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتىنى دالىغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتكەن. سۇي فامىلىلىك ئەر بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • : 59381 ھەپتە ئىلگىرى

    خاپ بوپتۇ ئىرى بار ئايال تۇرۇپ شەرەپسىزلىق قىلغاندىكىن

  • غېرىپ دىل3 ئاي ئىلگىرى

    كۆڭۈلنىڭ ئالاسى،بېشىڭنىڭ بالاسى دىگەن شۇ ،ئۆزىگە ئۆزى قىپتۇ شەرەپسىزلەر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号