باش بەت

mewlanof

114يوللانما
0مەستانە

روھىي كېسەل ئەر قوشنىسىنىڭ ماشىنىسىنى ئوغرىلاپ پىراۋىسىز ھەيدەپ يۈردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-07 23:31 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ساڭجۇلۇق روھىي كېسە گىرىپتارى بىر ئەر قوشنىسىنىڭ ماشىنىسىنى ئوغرىلىغاندىن كىيىن ماشىنىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا ھەيدەپ چىققان، ھەمدە پىراۋىسى يوق ھالەتتە 250 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرگەن. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىز ئەتراپىدا، فۇپىڭ ناھىيەلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى ئەترىتىدىكى تەۋەلىك چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار فۇپىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ غەربى يۆنىلىشتىكى بىر يول بۆلىكىدە توختىتىپ قويۇلغان بىر ماشىنىنى بايقىغان. ماشىنا جىددىي ئەھۋال ماشىنا يولىغا توختىتىلغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ يان ۋە كەينى تەرىپىدە سوقۇلغان ئىزى بار ئىكەن. ساقچىلار يەنە ماشىنا ئىچىدە ئۇخلاۋاتقان بىر ئەرنى كۆرگەن.

ساقچىلار ماشىنا دېرىزىسىنى چېكىپ شوپۇرنىڭ پىراۋىسىنى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان، ماشىنىدىكى ئەر تەمتىرەپ جىددىيلىشىپ قالايمىقان سۆزلەشكە باشلىغان. ساقچىلار بىخەتەرلىكنى كۆزنى تۇتۇپ ئۇنى ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا ئەر جىددىي ئەھۋال ماشىنا يولىدا تىزلىنىپ تۇرۇۋېلىپ ساقچىلارنىڭ ياردىمىنى رەت قىلغان. 

 مۇناسىۋەتلىك ساقچى مۇنداق دېدى: بىز ئىنچىكە سوراپ ۋە كۆزىتىپ، ئۇ كىشىنى روھىي جەھەتتىن مەسىلە بار ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتناش ساقچى ئەترىتىگە ئاپىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. 

قاتناش ساقچى ئەترىتىدە سەۋرچانلىق بىلەن سوراق قىلىش ۋە ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ساقچىلار دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەن. بۇ كىشىنىڭ فامىلىسى ليۇ بولۇپ، ساقچىلار ئۇنى پىراۋىسى يوق ماشىنا ھەيدىگەن، دەپ بېكىتكەن. 

كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ يېنىدىن ئېتىكلىك بىر يانفون بايقىغان. ساقچىلار يانفوننى ئېچىشىغا بىر تېلېفون كەلگەن، ساقچى تېلېفوننى ئېلىپ پاراڭلاشقان. تېلېفوننى ئەرنىڭ دادىسى قىلغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ دادىسى ئارقىلىق تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئۇچۇرغا ئېرىشكەن. ئەرنىڭ دادىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ساڭجۇدىن بولۇپ، بىر روھىي كېسەل بىمارى ئىكەن. ئۇ كېسەلگە قارىتا ئىزچىل دورا ئىچىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ داۋالاش ئۈنۈمى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىكەن. ئادەتتە دائىم بىر ئادەم ئۇنىڭغا قاراۋاتقان بولۇپ، ئازراقلا بىخەستلىك قىلسا ئۇ قېچىپ كېتىدىكەن. ئىش يۈز بەرگەن كۈنىمۇ ئەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قوشنىسىنىڭ ماشىنىسىنى ئوغرىلاپ قېچىپ كەتكەن. ئۇ يوقاپ كەتكەندىن كىيىن ئۆيىدىكىلىرى ناھايىتى جىددىيلىشىپ ھەممە يەردىن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىغان. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ يەنىلا چاتاق چىقارغان، بەختكە يارىشا شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن باشقا ئېغىر ۋەقە سادىر بولمىغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • بايشەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ماششېنېغا خالغا ئاچقۇ چۇشەمدا قانداق ئوغورلېغاندۇ

  • 138******411 ھەپتە ئىلگىرى

    ساراڭغا سوت يوق !

  • مېخانىك1 ھەپتە ئىلگىرى

    مانا ئوپكە مانا ھېسىپ مانا ھاراق دەپ ئاپىراي دەپ تۇتۇلۇپ قاپتۇدە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号