باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

ھىندىستان ھەيدەرئابادتا بىر تىلەمچى پاش قىلىنسا 500 رۇپىيە مۇكاپات بېرىلىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-08 15:22 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ھىندىستان ھەيدەرئاباد تۈرمە تارماقلىرىنى «بىر تىلەمچى بايقىسا 500 رۇپىيە مۇكاپات بېرىش» سىياسىتىگە ئاساسەن مۇكاپات تەلەپ قىلىپ ئۇرۇلغان پاش قىلىش تېلېفونلىرى بېسىۋالدى. ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جايدىكى تۈرمە ئەمەلدارلىرى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 70 نەچچە تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان. بىراق، ھازىرغا قەدەر 500 رۇپىيە (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 51 يۈەن) مۇكات ئالغانلارنىڭ سانى بەكلا ئاز بولغان.

شەھەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئاباد شەھىرىدە «بىر تىلەمچى بايقىسا 500 رۇپىيە مۇكاپات بېرىش» سىياسىتى يولغا قويۇلدى. بۇ سىياسەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن شۇ جايدىكى تۈرمەك تارماقلىرى توختىماي ئۇرۇلغان پاش قىلىش تېلېفونلىرىدىن بىزار بولۇپ كەتتى. بىر تۈرمە ئەمەلدارى چاقىرىش مەركىزى تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن لىنىيە ئۇلىغۇچ ئۇچۇرنى GHMC ۋە قاتناش ساقچىلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقى، قاتناش ساقچىلىرى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا بېرىپ تىلەمچىلەرنى تۈرمىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، تىلەمچىلەر دائىم قېچىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن 500 رۇپىيە ئالالايدىغانلار ناھايىتى ئاز بولماقتا.

چاكاگۋادا تۈرمىسىنىڭ قاراۋۇلى كىرىشنامۇرسىي بۇ سىياسەت 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىپ ھازىرغىچە 90-60 تېلېفون تاپشۇرۇۋالغانلىقى، بىراق، پەقەت بىرلا ئادەمگە مۇكاپات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر ئەمەلدار: «چارشەنبە كۈنى بۇنداق تېلېفوندىن ئالتىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بىراق، تېلېفوندا ئېيتىلغان تۆت ئورۇنغا بارغاندا تىلەمچى بايقىمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن قولغا چۈشكەن ئىككى تىلەمچى ئۈچۈن ئىككىلا ئادەمگە مۇكاپات بەردۇق» دېدى.

نۆۋەتتە، پاش قىلىنغان تىلەمچى سانى 1095 بولدى، بۇلارنىڭ 833ى قويۇۋېتىلدى، 262 ئادەمنىڭ ھەقىقىي تىلەمچى ئىكەنلىكى بېكىتىلدى؛ پاش قىلىنغان ئايال تىلەمچى 427 بولۇپ، تۈرمىگە قامالغىنى 107 بولدى، 320سى قويۇۋېتىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بايشەم3 ئاي ئىلگىرى

    ۋەلې لېتېپ دېققەت قېلېڭھە تۇتۇلۇپ قامماڭ يەنە

  • T M D3 ئاي ئىلگىرى

    ئىشلەپ پول تاپسا بۇلدۇ بۇلارمۇ
    پەقەت ئىش قىلاممايدىغان ھالەتتە ئەمەس ھەممە تىلەمچىلەر،،،،،،، بەزىنلىرنى ھىساپقا ئالمىغاندا

  • ۋەلى لىتىپ3 ئاي ئىلگىرى

    تىلەمچىلىك قىلسىمۇ تۈرمىگە قامايدىكەن؛تىلەمچىلىك قىلماڭلا جومۇ .☝☝

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号