باش بەت

زىيارەت

2289يوللانما
27مەستانە

گېرمانىيە لوڭقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى چەك تارتىش نەتىجىسى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-08 18:07 0 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 23:00دە، 2017/2018-يىللىق گېرمانىيە لوڭقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چەك تارتىش پائالىيىتى دورتموندقا جايلاشقان گېرمانىيە پۇتبول مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك چەك تارتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان تەكلىپلىك مېھمانلار بولسا 39 ياشلىق سابىق دۇنيا قول توپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى Roggisch (ھازىرقى دۆلەت كوماندىسىنىڭ دېرىكتورى) بىلەن گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تەنتەربىيە مەسئۇلى خىرۇسبېسچ بولدى.

ئالدىنقى يېرىم پەسىللىك كەسكىن ئېلىشىش نەتىجىسىدە سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن كوماندىلاردىن يەتتە كوماندا گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن كەلگەن، بىر كوماندا بولسا گېرمانىيە بىرلەشمىسى 3-دەرىجىلىك بىرلەشمىدىن كەلگەن، چەك تارتىش ئارقىلىق، لېيپىزىگ قىزىل كالا ۋە دورتموند كوماندىسىغا ئوخشاش كۈچلۈك رەقىبلىرىنى شاللىۋەتكەن بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى دەل شۇ 3-دەرىجىلىك بىرلەشمىدىن كەلگەن پادېربورن كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، قالغان 3 مەيدان مۇسابىقە ھەممىسى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن كەلگەن كوماندىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ پەسىللىك گېرمانىيە لوڭقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 7-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىلىدىغان ئورۇن بولسا: يەنىلا بېرلىن ئولىمپىك توپ مەيدانى. تەكىتلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى بۇ نۆۋەتلىك گېرمانىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسى تۇنجى ئايلانمىدىن باشلاپلا سىنلىق رېپىرنى ئىشلىتىشنى يولغا قويغان.

چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئۇچرىشىدىغان كوماندىلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

فرانىكفورت vs ماينز

لېۋېركۇسېن vs برېمېن

بايرېن مىيۇنخېن vs پادېربورن

شالىك 04 vs ۋولسفبۇرگ  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号