باش بەت

نۇسرەتگۈل

8936يوللانما
149مەستانە

ھىندىستاندا تېمپېراتۇرا ℃20-قا چۈشۈپ 70 سەرگەردان قازا قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-08 19:24 12 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 7-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سوغۇق ھاۋا ھىندىستاننىڭ شمالىدىكى ھەرقايسى ئىشتاتلارغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ئۆي-ماكانسىز 70 نەچچە ئادەم قازا قىلغان؛ 6-يانۋار چۈشتىن كېيىن جاممۇ بىلەن كەشمىردىكى كۇپۇۋا-ساندار تاشيولىدا قار كۆچكۈنى يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلغان.

ئۇتتار پىرادېش ئىشتاتىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۇمان بولۇپ، كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىردىن تۆۋەنلەپ كەتتى، مۇزاففارناگار (Muzaffarnagar) بىلەن شامىل (Shamli) رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا سەۋەبلىك تۆت ئادەم قازا قىلدى، شۇ جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە 3-2 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى؛ گۇلمارگنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن توققۇز سېلسىيە گىرادۇس، كەشمىرنىڭ جەنۇبىدىكى كوخېنگىر بازىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 3.4 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالدى.

كەشمىرنىڭ جەنۇبىدىكى كارگىل بازىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ كىشىلەرنى قاتتىق قىينىدى؛ يېقىن ئەتراپتىكى لېيگنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ 6-يانۋار كەچتە نۆلدىن تۆۋەن 10.3 سېلسىيە گىرادۇس بولدى؛ كۆپ قىسىم جايلاردا يول يۈزى مۇز تۇتۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك قاتناش بىخەتەرلىكى دەخلىگە ئۇچرىدى؛ كۆپ قىسىم جايلاردىكى سۇ تۇرۇبىلىرى توڭلاپ قېلىپ يېرىلىپ كەتتى؛ كوچىدىكى سەرگەردانلارنىڭ ھاياتى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى.

ھىندىستان تاراتقۇلىرى ئۆتكەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە خاررىيانا ئىشتاتى بىلەن پەنجاپقا ھۇجۇم قىلغان سوغۇق ئېقىمنىڭ خېلى ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ھىندىستان مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى سوغۇقنىڭ بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • راس جۇمۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    دىققەت قىلىڭلار ھەي باللار ھىندىستاننىڭ شىمالى دەۋاتمامدۇ بۇ رايۇنلار بىزنىڭ مۇشۇ يەر بىلەن ئاساسەن دىگۈدەك ئوخشاشقۇ دەيمە،

  • دىيار09971 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ خەۋەر ئىشەنچىلىكتەك قىلىدۇ ،قاراڭلا باللا ئىۋۇ بەدىنىنى ئورىۋالغان ھىندىغا بۇرنىغا ھالقا ئۆتكۈزۈۋاپتۇ.

  • ....1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇچۇقۇم خاتا ھىندىستان قىشبۇلمايدۇ

  • چالىقۇشى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھىندىستان دىگەن خەتنى خاتا كۆرىۋالدىممىكىن دەپ كۆزۈمنى قايتا قايتا ئۇۋۇلىۋېتىپ قايتا قارىسام خاتا كۆرمەپتىمە،راسلا ھىندىستانكەن،لىكىن يەنىلا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. تەھرىر خەتنى خاتا بېسىۋالدىمۇيە؟

  • 压力故障1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇرۇن ھىندىستاندا ئسقتا ئادەم ئۆلۈپ قالدى دەپ ئاڭلايتۇق ئەمدى سوغۇقتا ئۆلۈپ قالغىلى تۇرۇپتۇ دىسە يەنىلا بىزنىڭ ۋەتىنىمىز ياخشىئىكەن جۇمۇ

  • 138******591 ھەپتە ئىلگىرى

    نىم ئىش بوسۇن شۇ يوقسز مۇساپىرلار غا بۇلدۇ قاتتىق ئېسقمۇ شۇلارغا قاتتىق سۇغاقمۇ شۇلارغا

  • گۈزەل پوسكام1 ھەپتە ئىلگىرى

    قانداق دۆلەت ئۇ، يازدا ئسسىقتا كۆيۈپ ئۆلەۋاتقان، قىشتا سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلەۋاتقان،

  • توغراق،شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    قانداق تەرىقىدە ياردەم قىلساق بولار ھىندىستانغا.

  • 〽@n xu1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھىندىستاندا قار يېغىپتۇ ، دەپ تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم … …

  • gul bargi1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ سوغاق ئىقىم پۈتۈن دۇنياغا ھۇجۇم قىلغان ئوخشايدۇ،قىىشىمۇ يازدەك ئىسسىق بولىدىغان ھىندىستان بۇنداق سوغاق بوپ كەتكەندىكىن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号