باش بەت

ئەخمەتجان

3406يوللانما
55مەستانە

ئافرىقىدىكى غەلىتە ئادىتى بار سىرلىق كەنتكە نەزەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-08 22:20 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

Boredpanda تور بېكىتىنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مىننېسوتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى ئولگا سىتاۋاركىس ئافرىقىدىكى تىبېلې يېزىسىغا بارغاندىن كېيىن، بۇ كەنتتە باشقا كىشىلەرگە غەلىتە تۇيۇلىدىغان بىر قىسىم ئادەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ئۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك سۈرەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن مەكتەپكە ئېلىپ كەتكەن. 

ئۇزۇندىن بېرى بۇ كەنتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئولگا مىڭ تەستە ئۇلارنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان. چۈنكى، بۇ كەنتنىڭ ئەتراپىدا ھېچقانداق ساياھەت رايونى يوقكەن، كەنتتىكىلەر تاشقى دۇنيادىكى ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزكەن، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىمۇ ئۆزلىرى غەملەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى كەنتنىڭ ئۆز ئالدىغا دىنىي ئېتىقادى باركەن. ئولگا يېزىدىكىلەر بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، مەزكۇر يېزىدىكى بىر كەنتكە كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن. 

ئولگا بۇ كەنتكە كىرىشتىن بۇرۇن، كەنتتىكىلەر ئۇنىڭغا قىزىل كىيىم كىيمەسلىكنى، كۈنلۈك ئېلىپ كىرمەسلىكنى ئېيتقان. چۈنكى، قىزىل كىيىم ۋە كۈنلۈك شۇ جايدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازىغا سىمۋول قىلىنىدىكەن. مۇبادا بىرەسى شۇنداق قىلىپ قالسا، كەنتتىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالىدىكەن. 

ئولگا بۇ كەنتكە كىرىپلا شۇ جايدىكى ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا دىققەت قىلغان. كېسەكتىن سېلىنغان تىك تۆت بۇلۇڭلۇق ئۆيلەرنىڭ تېمىغا ئاق-قارا گىرەلەشتۈرۈلگەن گىيومېتىرىيەلىك شەكىللەر سىزىلغان. ئولگا شۇ جايدىكى كىشىلەردىن سورىغاندىن كېيىن، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ياكى قەبىلە باشلىقنىڭلا مۇشۇنداق ئۆي سالىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆينى بېزىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. 

ئولگانىڭ بىلىشىچە، قەبىلە باشلىقى بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق قەبىلە باشلىقىنىڭ ئوغلى تېخىچە ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالمىغان، دەپنە ئىشلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ تەرتىپى تاماملانغاندىن كېيىن، ئاندىن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن. ئولگانىڭ دېيىشىچە، كەنتتىكىلەرنىڭ پۇلى بولمىغاچقا دەپنە ئىشى تولۇق تاماملانمىغان، شۇڭا ھەممە يەرگە قاتراپ پۇل غەملىۋاتقانكەن، پۇلنى غەملەپ بولسىلا كالىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ قەبىلە باشلىقىنى ئۆرپ-ئادەت بويىچە دەپنە قىلىدىكەن. 

دەپنە مۇراسىمىدا، كەنتتىكىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايدىكەن، يەنە تېخى ھەييارلىق ئويۇنىمۇ باركەن، دەپنە مۇراسىمغا كەنتتىكى ھەممە ئادەم قاتنىشىدىكەن. 

بىراق دوكتور ئولگاغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇ جايىدىكى غەلىتە ئۆيلەر بولۇپ قالغان. ئۇ، ئاشۇ ئۆيلەرنىڭ تېمىغا سىزىلغان گۈل ۋە شەكىللەرنىڭ زادىلا تېگىگە يېتەلمىگەن. سۈرەتكە تارتقاندىمۇ ئۆيلەرنى كۆپرەك تارتقان. 

ئەڭ غەلىتە يېرى، گىيومېتىرىيەلىك شەكىللەر سىزىلغان بۇ ئۆيلەردە ئاقسۆڭەكلەر ۋە قەبىلە باشلىقىدىن ئىبارەت ئىمتىيازلىق كىشىلەر ئولتۇرغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ئۆلۈپ كەتسىمۇ مۇشۇنداق ئۆيلەرگە دەپنە قىلىنىدىكەن. 

ئولگانى ئەپسۇسلاندۇرغىنى، قەبىلە باشلىقىنىڭ ئوغلى ئۇنىڭغا خېلى كۆپ نەرسىلەرنى دەپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى بەكلا ئازدەك، بۇ قەبىلىنى بىر قات سىرلىق چۈمپەردە ئوراپ تۇرغاندەك، ھەققىي قىياپىتىنى ئۆزىگە كۆرسەتمىگەندەك ھېس قىلىدىكەن. 

بۇ سىرلىق قەبىلە ھازىرغىچە بېكىنمە ھالەتتە بولۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئىشلاردىن قىلچىلىكمۇ خەۋىرى يوقكەن. سۈرەتتە، ئولگا زىيارەت جەريانىدا پاراڭلاشقان ئايال. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • NaCl1 ھەپتە ئىلگىرى

    دۇنيا بىلەن پۈتۈنلەي ئالدقىسى بولمىسا گۈللۈك كۆڭلەكنى قانداق كىيىدۇ ؟؟

  • تاتلېقجان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي تاڭ ھېچ ئۇققېلې بولمېدې بۇ ئېنسانلانې

  • چالىقۇشى1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنىڭ مەزمۇنى بىر بىرىگە زىتمۇ يا تولۇق يېزىلمىدىمۇ ئىشقىلىپ چۈشەنمىدىم. مەسىلەن بۇ كەنتىكىلەرنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسى بولمىسا ئۇلاردا پۇل دىگەن ئۇقۇم نىمىش قىلىدۇ،پۇلنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش دىگەن ئۇقۇم بولسا ئەقىلگە سەل مۇۋاپىق. يەنە بۇ قەدىمىي قەبىلە بىلەن تەتقىقاتچىلار قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇپتۇ؟قەدىمىي قەبىلىدىكىلەر ئىنگىلىزچە بىلمىسە،ئەجىبا تەتقىقاتچىلار شۇنچە تېزلا بۇ قەبىلىدىكىلەنىڭ تىلىنى ئۆگىنىۋاپتىمۇ؟ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى يوق بۇ قەبىلە كىشىلىرى ئۆيىنى قانداق قىلىپ مۇشۇنداق بېزەپ چىققاندۇ؟ئۇلارنىڭ كىيىم كىچىكىدىكى بېزەكلەرمۇ ئۇنچە ئاددىي ئەمەسكەن.

  • ...m..1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ دەپنە مۇراسىمىمۇ تەبرىكلەش مۇراسىمىۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号